قىرغىزىستان جۈمە كۈنى پرېزىدېنت ئاقايېفنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىنى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان " كۆركۈم گۈل" ئىنقىلابىنىڭ بىر يىللىقىنى بېشكەك مەيدانىدا ھەربىي پاراتلار بىلەن خاتىرىلىدى.
2005 - يىلى 24 - مارت كۈنى پارتلىغان "كۆركۈم گۈل" ئىنقىلابىدا پرېزىدېنت ئاقايېف رۇسىيىگە قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆكتىچىلەر رەھبىرى قۇرمانبېگ باقىيېف مۇۋاققەت پرېزىدېنت بولۇپ ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ۋە شۇ يىلى 7 - ئايدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئىدى.
ئۇ، جۈمە كۈنى ئالاتو مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، مەتبۇئات ئەركىنلىكى ۋە ئاممىۋىي جەمئىيەتلەرنىڭ رولىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلار بويىچە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ۋەدە بەردى. باقىيېف، " ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىپ بېرىلغان پۈتۈن ئىشلار مۇقەددىمىسى 2005 - يىلى 24 - مارت كۈنى باشلانغان ئىنقىلابى ئۆزگىرىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى،' دەيدۇ. لېكىن ئۇ، " ھەممە نېمىنى بىر سائەت ئىچىدە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ » دەپ كۆرسەتتى.
"كۆركۈم گۈل" ئىنقىلابىدىن كېيىن قىرغىزىستان مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ دېموكراتىيىلىشىشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن باقىيېف، مەيداندىكى خەلق ئاممىسىغا " قىرغىزىستان دىكتاتۇرلۇق، دۆلەت خىيانەتچىلىكى ۋە ئادالەتسىزلىككە ھەرگىز قايتىپ بارمايدىغان پەرقلىك دۆلەتكە ئايلاندى" دەيدۇ.
شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارىي يوۋانوۋىچ بايانات ئېلان قىلىپ، باقىيېفنىڭ ئىسلاھات ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاننى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. يوۋانوۋىچ خانىم باياناتىدا، " ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئىسلاھات قەدىمىنى باشلاش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى بۇ قىرغىزىستاننىڭ كېلەچىكىنىڭ كاپالىتى" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)