رىچارد باۋچېر قىرغىزىستان پرېزىدېنتى بىلەن ئىسلاھات مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى

ئامېرىكا ياردەمچى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى رىچارد باۋچېر سەيشەنبە كۈنى بېشكەكتە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف بىلەن ئامېرىكا - قىرغىز مۇناسىۋىتى ۋە قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئىسلاھات مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇزاكىرە تېمىسى قىرغىزىستاندا ئەركىن بازار ئىگىلىكى ۋە سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش مەسىلىلىرىگە چېتىلغان. باۋچېر، ئامېرىكا قىرغىزىستاننىڭ بۇ نىشانغا يېتىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. باۋچېرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قىرغىزىستان رەھبەرلىرىنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان ۋاقتى كېلىپ قالغان. باۋچېر بىلەن پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېف ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت، پرېزىدېنت باقىيېف مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى كېچىكتۈرمەكتە، دەپ تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر چاغدا ئۆتكۈزۈلدى.

رىچارد باۋچېر، قىرغىز - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھاتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، قىرغىز - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ماختىدى ۋە " شۇنداقلا بىز، قىرغىزىستاننىڭ كۈچىنى جەنۇبتىكى دۆلەتلەرگە ئۆلگە قىلىشنىڭ يېڭى ئىدىيە ۋە مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز " دەيدۇ.

ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا - ئۆزبېك مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزبېكىستان ئىچكى ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن باۋچېر،" بىز بىر ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز خەلقىغە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىنى قوللىيالمايمىز " دېدى. باۋچېر، قۇرمانبېك باقىيېف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان شۇ كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى. باۋچېرنىڭ قىرغىزىستان سەپىرى ئۇنىڭ ئافغانىستان، پاكىستان، ھىندىستان ۋە قازاقىستانلاردا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ بىر قىسىمى.