قىرغىزىستان كوممۇنىستلىرى مىلوشېۋىچقا چوقۇنىدۇ

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئۆتكەن ھەپتە گائادىكى خەلقئارا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى سوتىنىڭ قاماقخانىسىدا سابىق يۇگوسلاۋىيە پرېزىدېنتى مىلوشېۋىچ تۇيۇقسىز ئۆلگەندىن كېيىن، 17-مارت كۈنى ئۆزىنى قىرغىزىستان كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ رەئىسى دەپ ئاتىۋالغان كلارا ئاجىبەكوۋا ئىسىملىك بىر قىرغىز ئايالنىڭ باشلامچىلىقىدا بىر قانچە ئون ئادەم قىرغىزىستان پارلامېنت بىناسى ئالدىدا نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، گائادىكى خەلقئارا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى سوتىنى مىلوشېۋىچنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئۇلار مىلوشېۋىچنىڭ 250 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ئېتنىك قىرغىنچىلىق كەلتۈرۈپ چىقارغان، كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان مۇسۇلمان ئالبانلارنى قىرغىن قىلغانلىقى ئۈچۈن سوتقا تارتىلغان سېرب مىللەتچىسى ئىكەنلىكىنى نەزىرىدىن قالدۇرۇپ، "مىلوشېۋىچ سادىق كوممۇنىست" دەپ ماختاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرىدىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان كوممۇنىستلىرى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنى رۇسىيە ۋە بېلورۇسىيە بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇشقا دەۋەت قىلىدىكەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە كىشىلەر ئارىسىدا كوممۇنىستلاردىن سەسكىنىش كەيپىياتى كۈچىيىۋاتسىمۇ، يەنىلا كوممۇنىستلار پارتىيىسى ئۆز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. قىرغىزىستاندىكى كۆپ پارتىيىلىك تۈزۈم، كوممۇنىستلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ( ئۈمىدۋار)