قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر نامايىش ئۆتكۈزدى

0:00 / 0:00

بۇ يىل 9 ۋە 10 - ئايلاردا قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمى بىلەن پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزىلىدۇ. سايلام ۋاقتىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلامنى ئادىل ئېلىپ بېرىشقا بولغان سەزگۈرلىكى ئاشماقتا. ئالدىنقى كۈنى، قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر بېشكەكتە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىرىگە ئادىل مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلغان.