قىرغىزىستاندا ساقچىلار ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىگىلىۋالغان نامايىشچىلارغا كۈچ قوللاندى

قىرغىزىستاندا ئامانلىق كۈچلىرى جۈمە كۈنى ياش ئاققۇزۇش بومبىلىرىنى ئىشلىتىپ، 7 - ئايدىكى پرېزىدېنت سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتى رەت قىلىنغان ئۆكتىچىلەر نامزاتىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ھۆكۈمەت بىناسىدىن يىراقلاشتۇردى.

نامايىشچىلار بېشكەك مەركىزى مەيدانىدىكى ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىگىلىۋالغان. مۇۋاققەت پرېزىدېنت باقىيېۋ، نامايىشچىلارنى ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ ئەگەشگۈچىلىرى، دەپ ئەيىپلىدى.

رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت باقىيېۋ ھۆكۈمەتنى " زۆرۈر تېپىلسا قولۇمدىكى قورال بىلەن قوغدايمەن،" دېگەن. ساقچىلار، ئۆكتىچىلەر نامزاتى ئۇرماتبېك بارىقتاباسوۋنىڭ قوللىغىچىلىرىغا قارشى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتقان شۇنداقلا ئاسمان ئوق چىقىرىپ، نامايىشچىلارنى ئاگاھلاندۇرغان.

قىرغىزىستان مەركىزى سايلام كومىتېتى بارىقتاباسوۋنىڭ قازاقىستان پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىڭ 7 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا نامزات بولۇشىنى تەستىقلىمىغان ئىدى.

مۇۋاققەت پرېزىدېنت قۇرمانبەگ باقىيېۋ، " بۈگۈنكى ۋەقە ئاقايېۋنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان،" دەپ ئەيىپلىدى. ئۇ، ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئارامىنى بۇزۇدىغان ئۇرۇنۇشلارغا كۈچ بىلەن جاۋاب قايتۇرۇدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

قىرغىزىستان پارلامېنت ئەزالىرى، بارىقتاباسوۋنىڭ ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ كۈيوغلى بىلەن مۇناسىۋىتى بار، دەپ قارايدىكەن. ئاقايېۋنىڭ كۈيوغلى قىرغىز دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلمەكتە ئىدى.

قىرغىزىستاننىڭ مۇۋەققەت مۇئاۋىن باش مىنىستىرى فلىكس قۇلوۋ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش يولىدا بارلىق تەدبىرلەرنى ئالىمىز، دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)