باقىيېۋ بېشكەكتىكى ۋەقەنى سابىق پرېزىدېنت تەرەپدارلىرىغا باغلىدى


2005.06.19

قىرغىزىستان ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ جۈمە كۈنى بېشكەك شەھىرىدە يۈز بەرگەن نامايىشچىلارنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىش ۋە ھۆكۈمەت بىناسىغا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇش ۋەقەسى ھەققىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئارقا تەرىپىدە ئاقايېۋ تەرەپدارلىرى بارلىقىنى كۆرسەتتى.

بېشكەكتىكى نامايىش، ئۆزىنى پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن بارىقتاباسوپنىڭ قازاقىستان پۇقراسى ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، ئاساسىي قانۇن بويىچە ئۇنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى بولۇش ھوقۇقىنىڭ يوقلىقى بىلەن، ئۇنىڭ نامزاتلىقىنى بىكار قىلىشتىن كېلىپ چىققانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

قىرغىزىستان ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ يەنە نامەلۇم كىشىلەرنىڭ بېشكەكتىكى ئىستۇدېنتلارغا 500 سومدىن 1000 سومغىچە پۇل تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ نامايىشقا قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باقىيېۋ يەنە " قالايمىقانچىلىقلارنىڭ تەشكىللىگۈچىلىرى قوشنا قازاقىستاندا تۇرماقتا. ئۇلار ئاقايېۋنىڭ يېقىن كىشىلىرىدۇر. مەن بۈگۈن ئۇلارغا شۇنى بىلدۈرىمەنكى، ئۇلار مۇقىملىققا قارشى بولغان بۇ خىل ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشلىرى كېرەك. ھازىر دەل بۇنى توختىتىدىغان ۋاقتى كەلدى" دېگەن.

قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك "قابار " ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن نامايىشنى ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق كۈي ئوغلى ئادىل تويغونبايېۋ ۋە ئاقايېۋنىڭ باشقا ئائىلە ئەزالىرى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان. بۇ ھەقتە قىرغىزىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى دانىيار ئۇسېنوپ رەسمى بىلدۈرۈش ئېلان قىلغان. ئەمما، موسكۋادا پاناھلىنىۋاتقان سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ بۇ ۋەقەلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.