قىرغىزىستان 2005 - يىلى ئەنجان ۋەقەسىدە ئۆزبېكىستاندىن قىرغىزىستانغا قېچىپ بارغان ئۆزبېك مۇساپىرلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، بېشكەك دائىرىلىرى غەرب ئەللىرىنىڭ كەسكىن تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ب د ت يۇرتىغا قايتۇرۇلغان ئۆزبېك مۇساپىرلارنىڭ تەن جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسىغا قىلىنىش ئېھتىمالى بار، دەپ قارىماقتا. قىرغىزىستان بۇ ئاي ئىچىدە بەش نەپەر ئۆزبېك مۇساپىرنى يۇرتىغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت بېشكەك دائىرىلىرىنى ئەيىبلىدى.
ب د ت مۇساپىرلار ئالى كومىسارياتى، 5 مۇساپىرنىڭ قايتۇرۇلغانلىقىدىن "جىددى ئەندىشە" قىلماقتىمىز، دەپ بايانات ئېلان قىلغان. خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قىرغىزلار ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ مۇساپىرلارنى يۇرتىغا قايتۇرغان بولۇشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ بېشكەكتىكى ئەلچىخانىسى، ئامېرىكا قىرغىزىستاندىكى ئۆزبېك مۇساپىرلارنى يۇرتىغا قايتۇرغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. لېكىن قىرغىز دائىرىلىرى ئامېرىكىنىڭ باياناتىغا ھازىرغىچە ئىنكاس قايتۇرمىغان.
قىرغىزلارنى گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان ئۆزبېكىستان بۇ دۆلەتتىكى ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى جىنايەتچىلەر، دەپ ئاتىغان ۋە بېشكەك دائىرىلىرىغا ئۇلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇۋېتىش توغرىسىدا بېسىم ئىشلەتمەكتە. (ئەركىن)
