قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرى كېلىشىپ، چېگرىلىرىنى 60 كۈن ئېچىۋەتمەكچى بولدى بۇ كېلىشىم قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېكشەنكۇلوپنىڭ 24-25-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئۆزبېكىستانغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا ئەمەلگە ئاشقان بولۇپ، پەرغانە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى تەرەپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى چېگرا ئۆتكەللىرىنى 60 كۈن ۋىزىسىز ئېچىشنى قارار قىلغان. ئۇنداق بولغاندا ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى قارا سۇ قاتارلىق پونكىتلارمۇ ئېچىلىپ، كىشىلەرنىڭ بېرىپ كېلىشى ۋە سودا –سېتىق ئىشلىرى ئۈچۈن قولايلىق ۋەزىيەت يارىتىلىدىكەن.
ھازىرغا قەدەر مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەت ئارىسىدا ۋىزا تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن ئەزەلدىنلا بېرىپ –كېلىش جەھەتتە قولايلىق شارائىت ئىچىدە ياشىغان ئىككى تەرەپ ئاھالىسىغا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىلغان ئىدى.
قىرغىزىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆزبېكىستان زىيارىتى جەريانىدا يەنە قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارىدىغان ئۆزبېكىستان زىيارىتىنىڭ كۈن تەرتىپى ھەمدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تۈزۈلىدىغان خەلقئارا تېررورچىلىق، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش تېمىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.
نۆۋەتتە، قىرغىزىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە بەزى ئىللىشلار پەيدا بولماقتا، ئۆتكەن يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدە قىرغىزىستانغا قېچىپ كەلگەن 500 ئەتراپىدىكى ئۆزبەك مۇساپىرىنى قىرغىزىستان ئۆزبەكىستانغا قايتۇرمىغاندىن كېيىن، ئىككى جۇمھۇرىيەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىراز جىددىيلىشىپ قالغان ئىدى. يېقىندا يەنە ئىككى دۆلەت رەھبىرى بىرلەشمە ھەربىي كۈچ قۇرۇپ، تېررورچىلىق، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا ئورتاق قارشى كۈرەش قىلىشقا پۈتۈشكەن ئىدى.(ئۈمىدۋار)
