قىرغىزىستان رۇسىيىگە يېقىنلاشماقتا

putin-baqiyef-200.jpg
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيەف 24 - ئاپرىل كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كرېملىن سارىيىدا قول قويۇلغان ھۆججەتلەرنى ئالماشتۇرماقتا. AFP

4-ئاينىڭ 24-كۈنى ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىنكى تۇنجى موسكۋا زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، قىرغىزىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك ۋە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇردى.

رۇسىيە قىرغىزىستان بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتمەكتە

"قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىز پرېزىدېنتىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى "گاز پروم" قاتارلىق رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ئېنېرگېتىكا ساھەسىگە قاتنىشىپ، بىرلەشمە ۋە ئايرىم پىلانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىش بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلارنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا پۈتۈشكەن.

قىرغىزىستان ۋە رۇسىيە پرېزىدېنتلىرىنىڭ ئورتاق بىلدۈرۈشنامىسىدە ئېلان قىلىنىشىچە، ھازىر قىرغىزىستاننىڭ چەتئەل بىلەن بولغان سودىسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمىنى رۇسىيە بىلەن بولغان سودا ئىگىلەيدىكەن. ئىككى دۆلەتنىڭ 2005-يىلىدىكى سودىسى 30 % ئاشقان بولۇپ، 500 مىليون دوللارغا يەتكەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىككى تەرەپ سودىسى بىراقلا 40% ئاشقان. رۇسىيە پرېزىدېنتى قىرغىزىستان بىلەن بولغان سودىنى ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەرگەن.

پۇتىن-قۇرمانبېك سۆھبىتىدىكى مۇھىم تېما ھەربىي ھەمكارلىق

رۇسىيىنىڭ "ستارانا.رۇ" ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، كرېمىل سارىيىدىكى سۆھبەتلەردە ، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋ بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك تەشكىلاتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىقلار رامكىسى ئاستىدا قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسىلىلىرىدىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئورتاق يەكۈنگە كەلگەن . قۇرمانبېك باقىيېۋ "كانت رايونىدىكى تېز ھەرىكەتلىنىش قىسىملىرى رامكىسى ئاستىدىكى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسى پەقەت قىرغىزىستاننىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگىنىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەم مۇقىملىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ " دەپ قىرغىزىستاندىكى رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك " قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان بىلەن رۇسىيە 2006-يىلى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدا تېررورىزمغا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە كېلىشكەن. ئىككى پرېزىدېنت يەنە قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرى يېنىدىكى كانتقا جايلاشقان رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى داۋاملىق بۇ يەردە قالدۇرۇشقا ھەمدە ئىككى دۆلەت بۇ ساھەدىمۇ ھەمكارلىشىپ ئىشلەشكە پۈتۈشكەن. ۋلادىمىر پۇتىن" بىز بۇ ھەقتە داۋاملىق بىرلىشىپ ئىشلەيمىز"دېگەن مۇخبىرغا. خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، قۇرمانبېك باقىيېۋ ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن يەنە قىرغىزىستان بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدىلا ئەمەس بەلكى رايونلار ئارىسىدىمۇ ئالاقىلارنى كېڭەيتىش، رۇسىيىدىكى قىرغىزىستان كۆچمەن ئىشچىلىرى مەسىلىسى ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇلغان.

قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ زىيارىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى

ئۆتكەن يىلى بىشكەكتىكى ئىنقىلابتىن كېيىن ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ رۇسىيە زىيارىتىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ھەققىدە ھەر خىل ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا. رۇسىيە ئانالىزچىسى ئالېكسېي ماكاركىن "قۇرمانبېك رۇسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كەلدى" دېگەن يەكۈننى چىقارغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، قۇرمانبېك باقىيېۋ ھازىر خەلقئارالىق قوللاشقا مۇھتاج ،چۈنكى ئۇ يېقىندا ئامېرىكىلىقلارغا بىشكەكتىكى "ماناس" ھەربىي بازىسى ھەققىدە كېلىشىم تۈزۈشكە شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر ھەربىي بازا ئۈچۈن تۆلەيدىغان كىرا ھەققىنى ۋاشىنگتون قوبۇل قىلمايدىغان دەرىجىدە 100 ھەسسە ئاشۇرۇش تەكلىپىنى قويغان. ھازىر قىرغىز پرېزىدېنتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناچارلىشىپ قالغاچقا ، ئۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولغان. ئۇ، رۇسىيە ۋە خىتاي تەرىپىدىن قوللاشقا ئەرىشىشى مۇمكىن ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىگە قىزىقىدۇ، ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيادا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي جەھەتتىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ۋاقىتلىق بولۇشىنى خالايدۇ. ئامېرىكا ئۆزبېكىستاندىن چىقىپ كەتتى، ئەمدى ئۇنىڭ قىرغىزىستاندىن چىقىپ كېتىشى مەسىلىسى تۇرماقتا، ئەگەردە ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قىرغىزىستاندىن چىقىپ كەتسە، ئۇ چاغدا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسى قالمايدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئۆزارا ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى يېنىغا توپلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى دېگەندە رايون خاراكتېرلىق تەشكىلاتلار رامكىسى ئاستىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربىي جەھەتتىن مەۋجۇت بولۇشىنى چەكلەشكە تىرىشماقتا. رۇسىيە قازاقىستان، قىرغىزىستان ، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستانلاردىكى ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى تەسىرىنى ھەم ئوبرازىنى قايتىدىن تىكلەشكە تىرىشماقتا.

قىرغىزىستان ئۆكتىچىسى رامىزان دىرىلدايېۋنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە، قىرغىزىستاندا ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قىرغىزىستاننى گۈللەنگەن دېموكراتىك دۆلەت قىلىش بىلەن رۇسىيە ھەم خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەسىرىنى چەكلەش پىكىرلىرى ئۆزارا توقىنىشماقتا. (ئۈمىدۋار)