قىرغىزىستاندا ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە كۈنى پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مارت ئېيىدا ئەسقەر ئاقايېف ھاكىمىيىتى خەلق قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە ئاغدۇرۇلغاندىن بېرى، قىرغىزىستاننى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان قۇرمانبېك باقىيېف، ئەڭ كۈچلۈك پرېزىدېنت نامزاتى ھېسابلىنىدىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆپچىلىك يەكشەنبە ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا باقىيېفنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ۋە بۇ سايلامنىڭ مارت ئېيىدا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىغا قارىغاندا ئەركىن ۋە ئادالەتلىك بىر سايلام بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. لېكىن، بەزى ئانالىزچىلار، باقىيېفنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدىكى رىقابەتچىلىرى ناھايىتى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، قىرغىزىستاندا يەنە ئەسقەر ئاقايىف ھاكىمىيىتىگە ئوخشاش مۇتلەق بىر ھاكىمىيەتنىڭ قايتىدىن يىلتىز تارتىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن.
باقىيېف دېموكراتىيىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە دېموكراتىك پرىنسىپلاردىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. ئەمما يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا، پرېزىدېنت نامزاتى بولغان، قىرغىزىستان دېموكراتىيە پائالىيەتچىسى جاپپار جەكشىيېف قىرغىزىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى، باقىيېفنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدىكى رىقابەتچىلىرىنىڭ ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىدى.
قىرغىزىستان پارلامىنتىنىڭ رەئىسى ئۆمەربېك تىكەبايېف، باقىيېفنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى سايلامدا باشقا نامزاتلارنىڭ باقىيېفقا ئوخشاش ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. (قانات)