قىرغىزىستاندا پۇقرالار يەكشەنبە كۈنى يېڭى پرېزىدېنتنى سايلايدۇ

قىرغىزىستاندا پۇقرالار يەكشەنبە كۈنى يېڭى پرېزىدېنتنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلايدۇ. سايلام ھارپىسىدا قىرغىزىستان بويىچە جەمە كۈندىن باشلاپ نامزاتلارنىڭ سايلام پائالىيىتى توختىدى. يەكشەنبە كۈنكى سايلامدا 7 نەپەر پرېزىدېنت نامزاتى رىقابەتلىشىدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆتكۈنچى پرېزىدېنت قۇرمانبېگ باقىيېۋنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىش ئېھتىمالى يۇقىرىكەن. ئەگەر ئۇ سايلامدا غەلىبە قىلسا، كېلىشىم بويىچە ئار- نۇمۇس پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى فىلىكس قۇلۇۋنى باش مىنىستىر قىلىپ تەيىنلەيدۇ.

بىراق قىرغىزىستاننىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زەمىرە سىدىقوۋانىڭ تەكىتلىشىچە، دائىرىلەر سايلىغۇچىلارنىڭ بېلەت تاشلاش نىسبىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن يىتەرلىك سانغا يەتمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ئەگەر بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ سانى سايلىغۇچىلار ئومۇمى نىسبىتىنىڭ 50 ٪ يەتمىسە، 2 قېتىم بېلەت تاشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۇ ئەھۋال قىرغىزىستاننىڭ مۇقىملىقىغا پايدىسىزكەن.

دائىرىلەر، سايلام ھارپىسىدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتتى. قىرغزىئىستاننىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېۋ، سايلام ھارپىسىدا ئامېرىكىنى 24 - مارتتىكى بېشكەك قوزغىلىڭىنى ئۇيۇشتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئەمما، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق ئىنىستىتۇتىدىكى ئانالىزچى قۇمار بېكبولاتوۋ، قىرغىزىستان تارىخىدا پرېزىدېنت نامزاتلىرىغا تۇنجى قېتىم مەنبۇئاتلاردىن تەڭ پايدىلىنىش پۇرسىتى يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)