10-ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پرېزىدېنت سايلىمى باشلاندى. سايلام دۇنيادىكى 54 دۆلەتتىن كەلگەن 1200 دىن ئارتۇق نازارەتچى ۋە مەتبۇئاتلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا پۈتۈن دۆلەت بويىچە 2183 سايلام پونكىتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
مەملىكەت بويىچە 2 مىليون 560 مىڭ كىشى سايلامغا قاتنىشىش ئۈچۈن تىزىملىتىلغان بولۇپ، دەسلەپكى سايلام ستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، سايلامدا تاشلانغان بىر مىليون 917 مىڭ بىلەتتىن، پرېزىدېنت نامزاتى قۇرمانبېك باقىيېف ٪ 88.09 بىلەن بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى بېھسكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.