قىرغىزىستان چەتئەللىك دۇكاندارلارنىڭ پارچە سېتىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلىمەكچى


2007.01.26

قىرغىزىستان چەتئەللىك دۇكاندارلارنىڭ پارچە سېتىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھىسىنى 1 - ئاپرىلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويماقچى.

ئۇرۇش ۋە تىنچلىق ئىنىستىتۇتى توت بېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېڭى قانۇندا قىرغىزىستاندىكى سودا سارايلىرىدا دۇكان ئاچىدىغان چەتئەللىك دۇكاندارلارنىڭ سانى، قىرغىز گراژدانلىرىنىڭ 10% دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەلەپ قىلىنغان. كۈزەتكۈچىلەر، بۇ قانۇن قىرغىزىستاندا دۇكان ئاچىدىغان ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىگە شۇنداقلا ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىگە دۇكان ئىجارە بېرىدىغان قىرغىزىستان تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇر سودا ساراي ئىگىلىرىگە زەربە بېرىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا.

قىرغىزىستان قاراسۇ سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى شاراپەت مىجىتوۋا، قاراسۇدىكى يەرلىك دۇكاندارلارنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر سودىگەرلەرنىڭ كۆپىيىشىنى توساشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، ئەگەر توسىمىسا ئۇلارغا زوراۋانلىق ئىشلىتىمىز، دەپ تەھدىت سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىرغىزىستان بۇ قانۇننى رۇسىيە ھۆكۈمىتى چەتئەللىك تىجارەتچىلەرنىڭ رۇسىيىدە دۇكان ئېچىپ سودا قىلىشىنى چەكلىگەندىن كېيىن چىقارغان. ئۇرۇش ۋە تىنچلىق تەتقىقات ئىنىستىتۇتى، ئەگەر بۇ قانۇن ئىجرا قىلىنسا قىرغىزىستان ئىقتىسادىغا تەسىر يېتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ قىرغىزىستاندا 100 مىڭ قىرغىز پۇقراسى ئىشسىز قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

قىرغىزىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا بۇ قانۇنغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. قىرغىزىستان پرېزىدېنت قارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتى مەسئۇلى تۇرسۇنبېك ئاقۇن، بۇ قانۇن كۆچمەنلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا قىلىنغان زىيەنكەشلىك، دەپ ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.