جەنۇبىي قىرغىزىستان چېگرىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى


2006.05.15

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تاجىكىستان بىلەن چېگرىداش باتىكەنت رايونىدا تاجىكىستاندىن كىرگەن بىر گۇرۇپپا قوراللىق كىشىلەر بىلەن قىرغىزىستان چېگرا ئامانلىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا توقۇنۇشتا ئاز دېگەندە 3 نەپەر قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە خادىمى ئۆلگەن. ئىگىلىشىمىزچە 7 كىشىلىك بىر قوراللىق گۇرۇپپا تاجىكىستان تەرەپتىن قىرغىزىستان چېگرا قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان ۋە قوراللار ئولجا ئالغان.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ جەرياندا قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەن ۋە قىرغىزىستان تەرەپتىن ئاز دېگەندە 3 كىشى ئۆلگەن. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى، قىرغىزىستان چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قوراللار ئۇنسۇرلار ئۈستىدىن ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باتىكەنت رايونى ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسى بىلەن چېگرىلىنىدۇ. تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئارىسىدىكى ستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم جاي. بۇ ۋەقە شاڭخەي گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى شاڭخەيدە ئېچىلىۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى. مەزكۇر ئورگانغا ئەزا دۆلەتلەر تېرورىزىم، رادىكالىزم ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى جار سالماقتا ئىدى.

2001 - يىلى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ قوراللىق ئادەملىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 2 قېتىم باتىكەنت رايونىغا بېسىپ كىرگەن ۋە بىر قېتىمدا ياپونىيىلىك گېئولوگلارنى گۆرۈگە تۇتۇۋالغان. بەزى مەتبۇئاتلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا ياپونىيە ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنى كېپىللىك ھەققى تۆلەپ قۇتۇلدۇرغان، لېكىن ياپونىيە دائىرىلىرى بۇنى رەت قىلدى. بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ۋەقەدە قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ قايسى تەشكىلات ياكى ئورگانغا تەۋە ئىكەنلىكى تېخى ئېنىقلانمىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.