قىرغىزستاندا كەڭ كۆلەملىك نامايىش قوزغالدى


2007.04.11

4 ‏-ئاينىڭ 11 ‏- كۈنى قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەك شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش قوزغالدى. نامايىشچىلار پرېزىدېنت باقىيۇفنى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشكە چاقىرغان.

'شىنخۇا ئاگېنتلىقى' نىڭ بايان قىلىشىچە، پرېزىدېنت باقىيۇفقا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشقا سابىق باش مىنىستىر قۇلۇپ ئەپەندى قاتناشقان. نامايىشچىلار "باقىيۇف تەختتىن چۈشسۈن" دەپ شۇئار توۋلىغان. پارلامنىت بىناسىنىڭ ئالدىدىكى مەيداندا 80 دىن ئارتۇق چېدىر تىكىلگەن. دۆلەت مۇزىيىنىڭ ئالدىدا 77 ئادەم ئاچلىق ئېلان قىلغان. قىرغىزستاندىكى بۇ سىياسىي كرىزىس بۇلتۇر 11 ‏- ئايدا باشلانغان بولۇپ ، پارلامىنتتا ئىككى قېتىم قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆكتىچىلەر بۇنىڭغا رازى بولمىغان ۋە4 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنىدىن باشلاپ قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبتىكى رايونلىرىدىن باشقا ھەممە يېرىدە نامايىش باشلانغان.

رويترس ئاگېنتلىقنىڭ بايان قىلىشىچە، بېشكەكتە نامايىشقا قاتناشقا ئادەم سانى 6000 غا يېتىدۇ. ئۇلار 'پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن' دەپ يېزىلغان يەڭ بەلگىسى تاقىغان. بۇ نامايىشچىلارنىڭ يېتەكچىسى رۇسلان ئىمانقاجىيۇفنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ نامايىشنى تاكى باقىيۇف ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنگە قەدەر داۋاملاشتۇرىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئاقساراينىڭ ئەتراپىغا 5000 كىشى پاناھلىنىشقا يەتكىدەك ساندا چېدىر تىككەن. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.