ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف بېيجىڭدىكى زىيارىتىنى باشلاشتىن بىر كۈن ئىلگىرى، خىتاي ھۆكۈمىتى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت كېرىموفنىڭ يېقىندا ئەندىجاندا يۈز بەرگەن خەلق ئىسيانىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىدى. پرېزىدېنت كېرىموف خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان 3 كۈنلۈك زىيارىتىدە خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋلار بىلەن ئۇچرۇشىدۇ.
كېرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىجاندىكى نامايىشنى باستۇرۇش ھەرىكىتى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نامايىشنى باستۇرۇش جەريانىدا 700 دىن ئارتۇق پۇقرا ئۆزبېك ئامانلىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئەمما كېرىموف ھۆكۈمىتى 169 كىشى ئۆلدى، دەپ ئېلان قىلدى.
پرېزىدېنت كېرىموف، ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ پۇقرالارغا ئوق چىقارغانلىقىنى رەت قىلىپ، نامايىشچىلارنى ئەسەبىي دىنىي ئۇنسۇرلار، دەپ ئەيىبلىگەن.
ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈەن، " بىز ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورچىلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە دىنىي ئەسەبىيلەر قاتارلىق ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللايمىز،" دېدى.
ئامېرىكا، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنى قورالسىز پۇقرالارغا ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش، بىلەن تەنقىدلىمەكتە. مۇتەخەسسىسلەر، كېرىموفنىڭ زىيارىتى خىتايلارنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇشنى مەقسەد قىلىدۇ، دەپ قارىغان. كوڭ چۈئەن ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشنى خالىمىدى. (ئەركىن)