قىرغىزىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى


2005.08.14

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 14 - ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى قۇرمانبېك باقىيېف قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بېشكەك شەھىرىدىكى چوڭ مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغان.

قۇرمانبېك باقىيېف 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، غەلبە قازانغان ئىدى. شۇندىن ئېتىبارەن 10 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن ئاقايېف ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.

قۇرمانبېك باقىيېف، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن قىرغىزىستاندا چىرىكلىككە خاتىمە بېرىلگەنلىكىنى شۇنداقلا قىرغىزىستان ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇردىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.