باقىيېف ئۆزىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسىنى مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى

يەكشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان، قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف، سەيشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسى دەپ قارالغان فىلكىس قۇلوفنى باش مىنىستىر بىرىنچى ياردەمچىسى قىلىپ تەيىنلىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فلىكس قۇلوفنىڭ مۇئاۋىن باش مىنستىرلىققا تەيىنلەنگەنلىكى، باقىيېفنىڭ قۇلوفقا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى بېرىش ۋەدىسىنى ئورۇنداش ھەرىكىتىنىڭ تۇنجى باسقۇچى ئىكەن. باقىيېف سايلامدىن بۇرۇن ئەگەر پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلسا، فلىكىس قۇلوفقا باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سايلامدا تاشلانغان بىلەتلەر سەيشەنبە كۈنى ئاساسەن سانىلىپ بولغان بولۇپ، باقىيېف ئاۋازلارنىڭ 89 پىرسەنتنى قولغا كەلتۈرگەن.

فىلىكىس قولۇف ماي ئىيىدا، ئۆزىنىڭ پرېزىدېنت كاندىداتلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي پىكرىنى ئۆزگەرتىپ سايلامدا باقىيېفنى قوللاشنى قارار قىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باقىيېفنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ئاۋازلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى قولغا كەلتۈرۈشى، فىلكىس قولۇفنىڭ ئۇنى قوللىغانلىقىنىڭ بىر نەتىجىسى ئىكەن

فىلكىس قولۇف قىرغىزىستاننىڭ سابىق مىللىي بىخەتەرلىك كىڭىشىنىڭ رەئىسى ئىدى. ئۇ ئاقايېفقا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىنىپ، بەش يىل تۈرمىدە ياتقان. (قانات)