قۇرمانبېك باقىيېف قىرغىزىستاننىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بولۇپ سايلاندى

قىرغىزىستان سايلام كومىتېتى رەئىسى يەكشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا، قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ قىرغىز خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ ئاۋازى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

قىرغىزىستان سايلام كومىتېتى رە ئىسى تۇيغۇنئەلى ئابدۇرەھىموف دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، قۇرمانىبېك باقىيېفنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا ئاۋازلارنىڭ 86٪ نى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، باقىيېفنىڭ پرېزىدېنت سايلىمىدىكى ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسى ئاۋازلارنىڭ ئاران 4٪ نى قولغا كەلتۈرگەن.

قىرغىزىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمىنى كۈزەتكەن، ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ياۋرۇپا پارلامېنتى مۇتەخەسسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر كۆزەتكۈچىلەر گۇرۇپپىسى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ قېتىمقى سايلام، ئەركىن ۋە ئادالەتلىك سايلام ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە قىرغىزىستاننىڭ خەلقئارا دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە يېقىنلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېگەن.

يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلامدا ئاۋازلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى قولغا كەلتۈرگەن باقىيېف دۈشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا، سايلام نەتجىسىنىڭ قىرغىزىستان خەلقىنىڭ مارت ئېيىدىكى خەلق ئىنقلابىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، قىرغىزىستاندا چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ۋە پرېزىدېنت سالاھىيىتىنىڭ بىر قىسمىنى باش مىنىستىرغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باقىيېف، بۇ يىل مارت ئېيىدىن بېرى، يەنى قىرغىزىستاندىكى ئەسقەر ئاقايېف ھاكىمىيىتى بىر قېتىملىق خەلق قوزغىلىڭى بىلەن گۇمران بولغاندىن بىرى، قىرغىزىستاندا ۋاقىتلىق پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. (قانات)