قازاقىستان ھۆكۈمىتى، خىتايدا بايقالغان قۇش زۇكىمىنىڭ قازاقىستانغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، قازاقىستان- خىتاي چېگرا پونكىتلىرىدا جىددىي تەدبىر ئېلىشقا باشلىغان.
قازاقىستان مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى ئاناتولى بىلونوگنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي سەھىيە خادىملىرى قازاقىستان تەرەپكە، خىتاينىڭ غەربىي رايونىدا مىڭدىن ئارتۇق غاز قۇش زۇكىمى كېسەللىكى ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈنگەنلىكىنى ۋە رايوندا 460 غازنىڭ مەزكۇر كېسەللىكتىن ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدىن خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى چېگرا پونكىتلىرىدىكى شۇنداقلا خىتايدىن كېلىدىغان ئايروپىلانلار قونىدىغان ئايرودرۇملاردىكى تەكشۈرۈشلەرنى كۈچەيتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئالمۇتا ۋە ئاستانە ئايرودرۇملىرىغا يولۇچىلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەپ كۆزىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئايرودروم ۋە پويىز ئىستانسىلىرىدىكى تىببىي خادىملارنى قۇش زۇكىمى يۇقتۇرىۋالغانلارنى نورمال كىشىلەردىن پەرقلەندۈرۈش توغرىسىدا تەربىيەلىمەكتە.
خىتايدا كىشىلەرنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى تېخى كۆرۆلمىگەن. ئەمما ئۆتكەن ئاي خىتاينىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان چىڭخەي ئۆلكىسىدە 1000 دىن ئارتۇق قۇشنىڭ قۇش زۇكىمى كىسەللىكى بىلەن ئۆلگەنلىكى بايقالغان. (قانات)