قۇش زۇكام ۋىرۇسى بۇ قېتىم قازاقىستاندا بايقالدى
2005.08.04
قازاقىستان، پەيشەنبە كۈنى قۇش زۇكام ۋىرۇسنىڭ شىمالىي قازاقىستاندا بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئەمما ۋىرۇسنىڭ ئىنسانلارغا يەتكۈزىدىغان خەۋپىنى ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي قازاقىستاندا پاۋلودار رايونىنىڭ گولۇبوۋكا يېزىسىدىكى بىر باقمىچىلىق فېرمىسىدا، 7 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى 400 دىن ئارتۇق غاز قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەن.
قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى قاسىم مۇقانوۋ، ۋىرۇسنىڭ ئىنسانلارغا قانچىلىك خەۋپ يەتكۈزىدىغانلىقى 10 - ئاۋغۇستقىچە تەجرىبە نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن مەلۇم بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ، ۋىرۇسنىڭ ھازىرغىچە ۋىرۇس تارقالغان يېزىدىكى پۇقۇرالاردا بايقالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تىپلىق مەزكۇر زۇكام ۋىرۇس يېقىندا رۇسىيىنىڭ نوۋېي سىبىرىسكىي رايونىدا بايقالغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەزكۇر ۋىرۇس بۇ يىل 5 ۋە 6 - ئايلاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چۆچەك ۋە سانجى ۋىلايەتلىرىدىكى باقمىچىلىق فېرمىلىرىدا بايقالغان ئىدى. ۋىرۇس بايقالغان رايونلارنىڭ بىرى چۆچەك شەھىرى، قازاقىستان چېگرىسىغا بىر قانچە كىلومېتىر كېلىدۇ. ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قازاقىستاندا بايقالغان ۋىرۇس بىلەن، چۆچەكتە بايقال ۋىرۇسنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىغا بىر نېمە دېيىش ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى چۆچەك بىلەن سانجىدا ۋىرۇس بايقالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، ئەمما دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويمىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيە ۋە قازاقىستان قۇش زۇكىمىدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئالدى
- رۇسىيىدە تۇنجى قېتىم قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى
- مۇتەخەسسىسلەر: چىڭخەيدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىش مۇمكىنچىلىكى زور
- قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشىغا تاقابىل تۇرۇدىغان پروگرامما ھازىرلاندى
- ب د ت خىتاينى قۇش زۇكام ۋىرۇسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى