رايىس ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى دېموكراتىيە يولىغا ئۈندىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، سەيشەنبە كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەككە يېتىپ كېلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ئېلىپ بارىدىغان 3 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىدى. قىرغىزىستان ئۇنىڭ زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتى.

رايىسنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇنىڭ زىيارىتى ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۈرىشىنى قوللاشقا ئىگە قىلىش ۋە رايوندا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئىكەن.

رايىسنىڭ ئايروپىلانى ماناس ئايرودرومىغا قوندى. ئۇ، ئايرودرومدا بايانات ئېلان قىلىپ، "ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندا قوشۇن تۇرغۇزىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قىرغىز خەلقى يېقىندىلا تېخى پەۋقۇلئاددە بىر ئىنقىلابنى بېشىدىن كەچۈردى. ئەگەر ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىيە ھەققىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلالىسا، ئۇلارنى تېخىمۇ پارلاق بىر كېلەچەك كۈتۈۋالغۇسى،" دېدى.

رايىس، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبەگ باقىيېۋ بىلەن ئۇچراشقاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىگىلىكىنى ۋە "بىز بۇ ئورتاق قىممەت قارىشىنى قوغدايدىغان ئالدىنقى سەپتە بىرگە تۇرىۋاتقانلىقىمىزنى يەتكۈزىمەن،" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، دېموكراتىيە مەسىلىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي بازىلىرىنى تىلغا ئېلىپ، نىشانىمىز ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللاش ئەمەس، دەيدۇ.

رايىسنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە يېڭى ھەربىي بازىغا ئېھتىياج ئەمەسكەن. ئۇ، شۇ كۈنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى بىلەن ئۇچراشتى. (ئەركىن)