كوندالىزا رايىس ياۋروپانى زىيارەت قىلدى


2005.10.16

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس خانىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولۇپ، يەكشەنبە كۈنى ئەنگىلىيىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى توني بلايىر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، بىخەتەرلىك ۋە ئىراننىڭ ئاتوم يادرو پىلانى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

رايىس خانىم ئەنگىلىيە سەپىرىدىن ئىلگىرى رۇسىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى قوللاشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئەگەردە ئىراننىڭ داۋاملىق يادرو مەسىلىسى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قارشى چىقسا، بۇ مەسىلىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

رايىس خانىمنىڭ ياۋروپا سەپىرى ياۋروپا دائىرىلىرىنىڭ ئىراننىڭ ئاتوم-يادرو پىلانى مەسىلىسىدە ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ مەسىلىنى تېزدىن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىدىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.