قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رايىس شەنبە كۈنى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنىڭ رومانىيەگە ساق –سالامەت كېتىشىگە رۇخسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن پرېزىدېنت قۇرمابېگ باقىيېفقا تېلېفون بېرىپ، ئۆز رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.
رايىس خانىم قۇرمانبېگ باقىيېفقا "قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى باشقىلارنىڭ تەقىپ قىلىشىدىن ئۆزىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىۋاتقان كىشىلەرگە خەلقارالىق ياردەم بېرىش چارىلىرىغا بولغان قوللاش مەيدانىنى نامايان قىلدى. بىز قىرغىزىستاننىڭ ئۇ يەردە قالغان باشقا سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن كىشىلەرنىڭ ئىنسان ھوقۇقلىرىغا نىسبەتەن تولۇق قوغداشنى كاپالەتلەندۈرۈش قەدەملىرىنى تېزلىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېگەن.
جۈمە كۈنى، ئەنجان ۋەقەسىدە قىرغىزىستانغا قېچىپ كەلگەن ئۆزبېك مۇساپىرلىرىدىن 439 نەپەر ئادەم ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق رومانىيىگە ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامېرىكا قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان ئۇنىڭغا بىر مىليارد دوللار ئەتراپىدا ياردەم بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھەر يىللىق ياردىمى قىرغىزىستان دۆلەت خامچوتىنىڭ 16٪نى تەشكىل قىلىدىكەن. تەھلىللەرگە قارىغاندا ئامېرىكا بۇنىڭدىن كېيىن قىرغىزىستانغا بېرىدىغان ئىقتىسادىي ياردەملىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)