روسىيە قىرغىزىستاندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى كېڭەيتمەكچى


2004.10.06

روسىيە ھەربىي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، روسىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا تۇرۇشلۇق ئەسكەر سانىنى تۆت ھەسسە كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيە دائىرىلىرى بىشكەك شەھىرىنىڭ يېنىدىكى قەنت ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يەنە نەچچە يۈز ئەسكەر، بىر نەچچە ئايرۇپىلان ۋە تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلارنى ئەۋەتىدىكەن.

روسىيە ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردە كوللىكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئاساسەن ، قەنت ئايرۇدرۇمىدا ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرغان ھەمدە مەزكۈر بازىغا 250 نەپەر ئەسكەر ۋە بەش دانە كۆرەشچى ئايرۇپىلاننى ئورۇنلاشتۇرغان . روسىيىنىڭ بۇ ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى قۇرۇشى، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسيادىكى ھەربىي مەۋجۈدىيىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دەپ قارالغان ئىدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، روسىيە قەنت ھاۋا بازىسىدىكى ئەسكەر سانىنى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە مىڭغا يەتكۈزىدىكەن. ئامېرىكىنىڭ بىشكەكنىڭ سىرتىدىكى ماناس ئايرۇدۇرۇمىدا تۇرۇشلۇق مىڭ نەپەر ئەسكىرى بار. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.