ئۆزبېكىستان -رۇسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى داۋاملىق پۈتۈشتى


2007.10.14

11-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ بۇخارا شەھىرىدە ئۆزبېكىستان بىلەن رۇسىيە بىخەتەرلىك ساھەسى ئۆزىنىڭ بەشىنچى قېتىملىق خىزمەت ئۇچرىشىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خۇلاسە سۈپىتىدە ئىككى دۆلەت رازۋېتكا ساھەسىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىشلىشى ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەن.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، رۇسىيە فېدېرال بىخەتەرلىك ئورگىنى يەنى سابىق ك گ ب ئورگىنىنىڭ رەھبىرى نىكولاي پاترۇشېۋ بىلەن ئۆزبېكىستان مىللىي بىخەتەرلىك ئورگىنى رەھبىرى رۇستام ئىنايەتوۋ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشقا رەھبەرلىك قىلىپ، كېلىشىمگە ئىمزا قويغان.

ئىككى تەرەپ سۆھبەتلىرىدە تېررورىزمغا، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش مۇزاكىرە قىلىنىش بىلەن بىرگە يەنە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش قىلىش تەدبىرلىرى ئىشلەپ چىقىلغان ھەمدە رازۋېتكا ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى بويىچىمۇ پۈتۈشۈم ھاسىل قىلىنغان.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا يەنە ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك خادىملىرىنى رۇسىيىنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرىنى تەربىيىلەش مەكتەپلىرىدە تەربىيىلەپ بېرىش ھەققىدىمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان. چەتئەللەردىكى ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاشكەنت رەھبەرلىرى 1992 - يىلىدىن ئېتىبارەن رۇسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، رۇسىيىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانغان ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلىرىنى تۇتۇش ۋە زەربە بېرىش ئوپېراتسىيىلىرىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، رۇسىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى ئىزچىل تۈردە تاشكەنت بىلەن ھەمكارلاشقان. 2005 - يىلىدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن تاشكەنت بىلەن غەرب ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ، ئۆزبېكىستان بىلەن رۇسىيە ھەتتا خىتاي بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلار تېخىمۇ ئاشقان. ئۆزبېكىستان، بىخەتەرلىك ساھەسى خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاشلا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئەڭ ئاكتىپ ئىشلەۋاتقان مەملىكەت ھېسابلىنىدىكەن.

كانادا پۇقراسى ئۇيغۇر ھۈسەيىن جېلىلنىڭمۇ ئەنە شۇ تاشكەنت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، خىتايغا بېرىۋېتىلگەنلىكى مەلۇم. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.