رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى

‏10-ئاينىڭ 5‏- كۈنى رۇسىيە بىلەن قىرغىزىستان تېررورچىلىققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ باردى. قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا رۇسىيە ۋە قىرغىزىستان ئالاھىدە قىسىملىرى قاتنىشىدىكەن.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ بېشكەكدىن خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە رۇسىيە ۋە قىرغىزىستان ھۆكۈمەتلىرى بۇ قېتمقى مانېۋىرنىڭ رايوندا كۈنسېرى كۈچىيۋاتقان رادىكال ئسلام تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئانالىزچىلار بۇ مانېۋىر رۇسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي تەسىرىنى كۈچەيتىش پائالىيىتىنىڭ بىر قىسىمى دەپ كۆرسەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىدىن بىئارام بولغان رۇسىيە، بۇنداق مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق رايونىدىكى تەسىرىنى كۆپەيتىشكە تىرىشماقتا.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنستىرى سېرگى ئىۋانوف، مانېۋىر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بېشكەكتە بەرگەن باياناتىدا، بىز ئىتتىپاقداشلىرىمىزغا ھەربىي جەھەتتىنمۇ ياردەم بېرىشكە تەييار، دېگەن. ئىۋانوف مانېۋىردىن بۇرۇن قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيىف بىلەن ئۆتكۈزۈگەن سۆھبتىدە، رۇسىيىنىڭ ھەربىي ياردەم قاتارىدا قىرغىزىستانغا ھەربىي تېك ئۇچارلار بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گەرچە رۇسىيە ۋە قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا رادىكال ئىسلام تەھدىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىمەكتە.