ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى سابىت ئابدۇراخماننىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى


2005.07.15
sabit-abduraxman.jpg
مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى (تارتىلغان يىلى نامەلۇم)

چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ پېشىۋاسى، ئۇيغۇرىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى 14-ئىيۇل كۈنى ئالماتادىكى ئۆيى ئالدىدا قاتناش ۋەقەسى بىلەن تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە 78 ياشقا كىرگەن ئىدى.

مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندى 1928 - يىلى قازاقىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ 1930 - يىللاردا ئاتا-ئانىسى بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ كېلىپ، شۇ يەردە مائارىپ تەربىيىسى ئالغان. شۇنداقلا ئۇ كېيىن 1944 - يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن غۇلجا شەھىرىنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە قاتناشقان. شۇنداقلا شۇ سەۋەبتىن بىر قانچە قېتىم تۈرمىلەرگە تاشلانغان.

15-ئىيۇل كۈنى مەرھۇم سابىت ئابدۇراخمان ئەپەندىنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ جەسىدى دۇرۇژبىدىكى ئۇيغۇر قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى. دەپنە مۇراسىمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق زىيالىيلىرى ۋە سىياسىيونلىرى سۆز قىلىپ، مەرھۇم سابىت ئابدۇراخماننىڭ كۈرەشچان ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.

خوشلىشىش

سابىت ئابدۇراخمان

(ۋاپات بولۇشتىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن يازغان) مەن ئىدىم ئۇيغۇر ئوغلى سابىت دېگەن، بەختسىز مىللىتىمنىڭ غېمىنى يىگەن، ئىنتىلدىم ئارمىنىمغا يېتەلمىدىم، شۇنچىلىك قىسقا ئىكەن ئۆمۈر دېگەن. ئوت ئىدىم يالقۇنلىغان ئۆچتۈم ئەمدى، ھاياتلىق دۇنياسىدىن كۆچتۈم ئەمدى، سامادا چاقنىغان بىر يۇلتۇز ئىدىم، قۇيۇلۇپ قارا يەرگە چۈشتۈم ئەمدى. مەن كەتتىم تۈندە ئاققان يۇلتۇز بولۇپ، ۋەتەن قالدى سۆيەلمىگەن بىر قىز بولۇپ، ئارقامدا ئۇيغۇرنامە كىتاب قالدى، ياشىغان ھاياتىمدىن بىر ئىز بولۇپ. كىتابىم ئەلگە سۇنغان ھەدىيەم مېنىڭ، ئۇنى ئوقار ئەۋلادىم نەۋرەم مېنىڭ، قەدرىمنى ئىزلىمەڭلار قارا يەردىن، خەلقىمنىڭ يۈرىكىدە قەبرەم مېنىڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.