دۈشەنبە كۈنى، خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئەركىن ۋە ئادالەتلىك ئۆتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
قازاقىستاندا يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنى يېقىندىن كۆزەتكەن ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىغانلىقىنى ۋە سايلامنىڭ خەلقئارا دېموكراتىك سايلام ئۆلچەملىرىگە توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايىلىمىدا، قازاقىستان پرىزدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىفنىڭ "ئوتان"، يەنى "ۋەتەن" پارتىيىسى بىرىنچى ۋە ئۇنىڭ قىزى دارىگىنىڭ "ئاسار" پارتىيىسى ئىككىنچى ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن پارتىيە بولۇپ پارلامېنتقا كىرگەن.
قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا، قازاقىستاندىمۇ كۆپ كىشىلەر نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان ئاخبارات مىنىستىرى ئالتۇنبىك سارسانباي ئوۋلو، سايلامنىڭ ئادالەتلىك ئۆتمىگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن. ئۇ ئۆز ئىستىپانامىسىدە، سايلام ئەركىن ۋە ئادالەتلىك بولمىدى، شۇڭا بۇ ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ تۇرۇشنى توغرا كۆرمەيمەن، دىگەن. (قانات)