ئافغانىستان سايلىمى ئۆكتىچى نامزاتلارنىڭ بايقۇت قىلىشىغا ئۇچرىدى
2004.10.10
ئافغانىستاندىكى تارىخىي خارەكتىرلىك پرىزىدېنت سايلىمىدا ئويلىغاندەك زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرمىدى، بىراق ھامىت كارزايدىن باشقا قالغان 15 نامزات سايلامنى بايقۇت قىلدى.سايلىغۇچىلار شەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 5 يېرىمدا بىلەت تاشلاشقا باشلىغان. بىلەت ساندۇقى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 يېرىملارنى تاقالدى. بىراق نامزاتلار ئىچىدىكى ھامىت كارزايدىن باشقا قالغان 15 نامزات، سايلام جەرىيانىدا يولسىزلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سايلامنى بايقۇت قىلدى. سايلامنى بايقۇت قىلغان نامزاتلار، بەزى رايۇنلاردا بىلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ قولىغا ئاسان ئۆچۈپ كېتىدىغان بوياق سۈركەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەسلى ب د ت نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سايلىغۇچىلارنىڭ قولىغا ئاسان ئۆچۈپ كەتمەيدىغان بوياق سۈركەش ئارقىلىق سايلىغۇچىنىڭ بىلەت تاشلاپ بولغانلىقىنى پەرقلەندۈرولەتتى.
ب د ت باياناتچىسى نامزاتلارنىڭ بىلەت تاشلاشنى توختۇتۇش ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان. بىراق يۇقىرقى نارازىلىقلار سەۋەبىدىن سايلامنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىش 3 كۈن كېچىكتۈرۈلدى. نامزاتلار ئىچىدىكى ھازىرقى پرىزىدېنت ھامىت كارزاينىڭ ئەڭ كۈچلىك رىقابەتچىسى يۇنۇس قانۇنى، شەنبە كۈنكى سايلامنى قانۇنسىز دەپ جاكالىغان. ھامىت كارزاي بولسا پرىزىدېنت سايلىمىنى بايقۇت قىلىش دىمۇكراتىيەگە قارشى ھەركەت دەپ تەنقىتلىدى. ئۇ، نامزاتلار ئافغان خەلقىنىڭ ئىرادىسى ۋە ئارزۇسىنى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىگەن. سايلامدا كۆزەتكۈچىلىك رول ئوينىغان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۈزەتكۈچىلەر گۇرۇپپىسى، بەزى نامزاتلارنڭ سايلامنى ئىناۋەتسىز قىلىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلغان. (ئەركىن)