ئۆزبېكىستان بىلەن قىرغىزىستان پرېزىدېنتلىرى، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە ئۇكرائىنىيە ئىستىلىدىكى "ئىنقىلاب" ئېكسپورت قىلىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكرائىنىيە بىلەن گروزىيىدىكى ئىنقىلاب ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رەھبەرلەرنى چۆچىتىشكە باشلىغان. ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كارىموف جۈمە كۈنى ئۆزبېكىستان پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، بەزىلەرنىڭ گروزىيە بىلەن ئۇكرائىنىيىدە مۇنەۋۋەر ئۇنسۇرلار قوزغىغان ئۆزگۈرىش باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن ئۆلگە بولالايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
كەرىموف، "مەن شۇنى ئاگاھلاندۇرىمەنكى، ھەر قانداق نەرسە قانۇن بويىچە بولۇشى كېرەك شۇنداقلا بىز قانۇننىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلەرنى توسايمىز" دەپ سۆزلىگەن. غەرب ئەللىرىنى ئۆكتىچىلەرگە ئىقتىسادى ياردەم بېرىش بىلەن تەنقىدلىگەن كەرىموف، پارلامېنتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان غەرب دىپلوماتلىرى غاقاراپ، " ئۇ يەردە ئۇلتۇرغانلار بۇنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى كېرەك،" دەپ ئاگاھلاندۇرغان.
شۇ كۈنى قىرغىزىستان پرېئىزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف، قىرغىزىستاندىكى ئاممىۋى نارازىلىقنىڭ ئىچكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئەسقەر ئاكايېف رۇسىيە "نېزاۋېسمايا گېزىتى" نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇكرائىنىيە ئىستىلىدىكى ئىنقىلابنى قىرغزىستانغا تېڭىشنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " بۇ خىل ئىنقىلاب تېخنىكىسىنىڭ ئۈنۈم بېرىشى ئۈچۈن، دېموكراتىيە قىرغىزىستاندا يىلتىز تارتقان بولۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن. قىرغىزىستاندا بۇ يىل 9 - ۋە 10 - ئايلاردا پارلامېنت سايلىمى بىلەن پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۆكتىچىلەر ئەسقەر ئاكايېفنى يەنە بىر قارار پرېزىدېنت بولۇشنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)