قىرغىستاندا نارازلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ھەركىتى داۋاملاشماقتا


2005.02.25

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ، قىرغىزىستاندىكى بىر نارازىلىق بىلدۈرگۈچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نارازىلىق بىلدۈرگۈچىلەر پايتەخت بېشكەككە قوشۇن كىرگۈزۈشكە تەييارلىق كۆرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھۆكۈمەتتىن ھەقىقەت تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، ھۆكۈمەتنىڭ دەرھال ئۆكتىچى پائالىيەتچى جاپاروفنىڭ سايلام قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بېرى قىرغىزىستاندىكى بىر قانچە مۈستەقىل باسما زاۋۇتلارنىڭ توك يوللىرى كېسىۋىتىلگەن، مەزكۈر زاۋۇتلار بۇ ئىشنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ " ئەركىنلىك سارىيى" تەرىپىدىن بېشكەكتە ئېچىلغان نەشرىيات ئورنىنىڭ ئېلېكتىر سېستىمىسىمۇ ئۈزۈۋېتىلگەن بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتە كۆرسەتكەن بانا سەۋەپلىرى قايىل قىلارلىق ئەمەس ئىكەن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز، "ئەركىنلىك سارىيى" نىڭ بېشكەكتە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورگىنىنىڭ نەشىرىيات ۋە باسما زاۋۇتىنىڭ مەسئۇلى مايكېستوڭ ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

"مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىزدە تېخنىكىلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەنمىش. بىراق بىز توك ئىدارىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان خىزمەت لاھىيىسى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىز بارلىق ئىنتىزام - تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلىپ، قىرغىزىستان قانۇنلىرى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز، شۇڭا بىز "سىلەردە مەسىلە كۆرۈلدى" دېگەن باھانە بىلەن توكنى كېسىۋىتىشنى پۈتۈنلەي خاتا دەپ قارايمىز. بىز پەقەت بىر باسما زاۋۇتى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن كىمنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ گېزىت - ژورنال باستۇرىشىدىن قەتئى نەزەر، بىز ھەممىسىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز، مەيلى ھۆكۈمەتنىڭ گېزىت - ژورنىلى بولسۇن مەيلى ئۆكتىچى تەشكىلاتلارنىڭ بولسۇن. شۇڭا بىزنىڭ توكىمىزنى توساپ خىزمىتىمىزنى توختىتىپ قويۇش ئانچە ھەقلىق بولمىدى".

مەلۇم بولۇشىچە " ئەركىنلىك سارىيى" نىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق نەشىرياتى ئۆكتىچىلەر ئاۋازىنى كۆپرەك ئاڭلىتىدىغان گېزىت نەشىر قىلىدىكەن

قىرغىزىستاندا 2 -ئاينىڭ ئاخىرى پارلامېنت سايلىمى، 10 - ئايدا بولسا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى. سايلامنىڭ ئادىل ۋە ھەقىقى ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەر بولسا زور كۆلەملىك ئاممىۋى ئىنقىلاب قوزغاپ، ھازىرقى ھاكىميەتنى ئۆزگەرتىش ھەركەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئاقايېف، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن تەختكە چىققان ۋە ھازىرغا قەدەر 10 نەچچە يىلدىن بۇيان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان پرېزىدېنت ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا ھاۋايى شىتاتىنىڭ "ئاسىيا - تېنچ ئوكيان مەركىزى" نىڭ ، سابىق رۇسىيە تەتقىقاتچىسى ئاسىزىئەن ،قىرغىزىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دېموكراتىك ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ.

"ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ئوتتۇرا ئاسىيا ھاكىميەتچىلىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا قوزغالغان نارازىلىق ئاۋازلىرىدىن قاتتىق چۆچىمەكتە. بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى گىرۇزىيىدە ۋە ئۇكرائىنىيىدە قوزغالغان بولۇپ، قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر كۆپ قېتىم نامايىش ۋە نارازلىق ھەركەتلىرى ئېلىپ باردى. شۇڭا كىشىلەر نەزىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە يۆتكىدى ۋە ئۇ يەردە دېموكراتىيە ھەمدە ئەركىنلىكنى مەيدانغا كەلتۈرۈش كېرەكلىكىنى ھىس قىلىشتى. شۇڭا مېنىڭچە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بۇ دۆلەتلەردە ئەركىنلىك ۋە دىموكراتىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن بۇ دۆلەتلەردە نارازلىق ھەركەتلىرى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغان ھۆكۈمەتكە قارشى ھەركەتلەرگە توختىماستىن ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن".

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنىڭ قوبۇل قىلغان، " ئامېرىكا ئازادلىق رادىئوسى" نىڭ بېشكەكتە تۇرۇشلۇق شۆبىسىنىڭ مۇدىرى قىيا مولدا قاسىموف ئەپەندىمۇ، بىر نەچچە كۈندىن بېرى نارىن ئوبلاستىدىكى قوشقار يېزىسىدا بېشكەككە ۋە خىتايغا قاراپ ماڭىدىغان مۇھىم قاتناش يولى 5000 غا يېقىن نارزالىق بىلدۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن قامال قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، گەرچە سايلام نامزاتى جاپاروف ئۆزىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش سالاھىتىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقىغا نارازلىق بىلدۈرۈپ، قىرغىزىستان ئالى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ ئەرزى سوت تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

قىيا مولدا قاسىموفنىڭ ئېيتىشىچە، ئەگەر ھۆكۈمەت نارازىلىق بىلدۈرگۈچلەرنىڭ تەلەپلىرىگە مۇشۇنداق پىسەنت قىلماسلىقتەك پوزىتسىيىسىنى داۋاملاشتۇرسا، قىرغىزىستاندىكى نارازىلىق ھەركەتلىرى يەنىلا داۋاملىشىشى مۇمكىن ئىكەن .

ئالدىنقى يىلىنىڭ ئاخىرى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان گىروزىيىدە "ئەتىرگۈل ئىنقىلابى" ، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى ئوكرائىنىيىدە " سېرىق رەڭ ئىنقىلابى" پارتلىغان بولۇپ، زور كۆلەمدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئىككى قېتىملىق خەلق ئىنقىلابى ۋە بۇ قېتىم قىرغىزىستاندا پارتىلغان ئاممىۋىي نارازلىق ھەركىتى قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ " ئەمدى قىرغىزىستاندا تېنچلىق يولى بىلەن كونا ھاكىميەتنى ئاياقلاشتۇرۇش ۋاقتى پىششىپ يېتىلدى" دىگەن خۇلاسىنى چىقىرىشىغا يول ئاچقان. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.