قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
2005.02.27
قىرغىزىستان پۇقرالىرى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا بىلەت تاشلىدى. بۇ قېتىمقى سايلام قىرغىزىستاننىڭ دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىگە قارىتىلغان بىر قېتىملىق سىناق دەپ قارالماقتا.
رويتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قىرغىزىستان خەلقى 400 دەك كاندىدات ئىچىدىن، يېڭىدىن ئىسلاھ قىلىنغان بىر پالاتالىق پارلامېنتنىڭ 75 ئەزاسىنى سايلاپ چىقىدۇ. سايلام، قىرغىزىستاندىكى 2000 دىن ئارتۇق سايلام پونكىتلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان.
بۇ ئارىدا، ئۆكتىچى كۈچلەر سايلامدا كەمچىلىكلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇلار، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر خىل ئويۇشۇشلارنى چەكلىگەنلىكىنى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ كۆز- قاراشلىرىنى دۆلەت تېلېۋىزورلىرىدا بېرىشنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىمقى سايلامنى ئەركىن ۋە ئادىل بولمىدى دەپ كۆرسەتتى.
گەرچە پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف بۇ يىل ۋەزىپىسىدىن چۈشىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆكتىچى كۈچلەر، ئەسقەر ئاقايېفنىڭ يېڭىدىن سايلىنىدىغان پارلامېنتتا كۈچلۈك كونتروللۇقنى ئىگىلەپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، بۇ يىل ئۆكتەبىردىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا قايتا ھوقۇق ئىگىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلامنىڭ ھارپىسىدا، قىرغىزىستاننىڭ بىر قانچە يەرلىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بېرىپ، سايلام بېلىتىدە تەسىر كۈچى كۈچلۈك بولغان بىر قانچە ئۆكتىچىلەرنىڭ ئىسمىنىڭ يوقلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. توڭ رايۇنىدىكى خەلق بولسا، ئۆزلىرى قوللايدىغان كاندىداتنىڭ سايلام ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغاندىن كىيىن، يوللارنى توسۇپ نامايىش ئۈتكۈزگەن. شوڭا بۇ رايۇندىكى سايلام ئىككى ھەپتە كىچىكتۈرۈلگەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىستاندا نارازلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ھەركىتى داۋاملاشماقتا
- ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئارسلانبېگنىڭ سايلام ھوقۇقىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمىنىڭ ھارپىسىدا ۋەزىيەت جىددىلەشمەكتە
- قىرغىزىستاندىكى نامايىشچىلار خىتايغا تۇتۇشىدىغان يولنى توسىدى
- قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمى ھەققىدىكى قاراشلار(2)
- قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمى ھەققىدىكى قاراشلار (1)