قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
2005.02.28
قىرغىزىستاندا يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىگە قارىغاندا، سايلامغا قاتناشقان نامزاتلارنىڭ 3 دەن 2 قىسىمى پارلامېنتقا كىرىشكە يىتەرلىك بولغان بېلەتكە ئېرىشەلمىگەن. سايلىغۇچىلار 2 - قېتىم بېلەت تاشلىشى مۇمكىن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا يەكشەنبە كۈنكى سايلامدا، 300 دىن ئارتۇق نامزاتنىڭ ئاران 30 نەپىرى پارتلامېنتقا كىرگەن. پارلامېنتتىكى 75 ئورۇننىڭ 45 بوش قالغان بولۇپ، پۇقرالار 2 - قېتىم بېلەت تاشلىشى مۈمكىن. پارلامېنتقا كىرگەن بىر قىسىم نامزاتلار ئاقايېفنىڭ پارتىيىسىدىن بولسىمۇ بىراق ، 30 نەپەر نامزاتنىڭ كۆپ قىسىمى ھىچقانداق پارتىيە - گۇرۇھلارغا تەۋە بولمىغان مۇستەقىل نامزاتلار ئىكەن. بۇ ۋەزىيەت ئاقايېفنىڭ يەنە بىر قارار ھوقۇق تۇتۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا پايسىدىز دەپ قارالماقتا.
پرېزىدېنت ئاقيېفنىڭ ئوغلى ئايدار پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان، ئامما قىزى بەرنېت بىرىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا پارلامېنتقا كىرەلمىدى. 2 - باسقۇچلۇق سايلام 3 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. يەكشەنبە كۈنكى سايلام تىنچ ئېلىپ بېرىلغان. بىراق ئۆكتىچىلەر سايلام جەريانىدا بەزى يولسىزلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
سايلامدىن ئىلگىرى قىرغىزىستان ئالى سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ، بەزى ئۆكتىچىلەرنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىنى چەكلىگەن ئىدى. بۇ قىرغىزىستاننىڭ شەرقىدىكى نارېن ۋىلايىتىنىڭ بەزى يېزىلىرىدا پۇقرالارنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتىنى قوزغىغان.(ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
- قىرغىستاندا نارازلىق بىلدۈرگۈچىلەرنىڭ ھەركىتى داۋاملاشماقتا
- ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئارسلانبېگنىڭ سايلام ھوقۇقىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى
- قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمىنىڭ ھارپىسىدا ۋەزىيەت جىددىلەشمەكتە
- قىرغىزىستاندىكى نامايىشچىلار خىتايغا تۇتۇشىدىغان يولنى توسىدى