قىرغىزىستاندىكى پارلامېنت سايلىمى ئاياقلاشتى
2005.03.13
قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمىدىكى ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ سايلام يەكشەنبە كۈنى ئاياقلاشتى. سايلام جەريانىدا، قىسمەن رايونلاردا قارشىلىق پائالىيەتلەر يەنە داۋام قىلدى.
غەرب مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 27 - فىۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىرىنچى قارار پارلامېنت سايلىمىدا يىتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن كاندىداتلار، ئىككىنچى قېتىملىق سايلاممغا قاتناشقان. بىرىنچى قېتىملىق پارلامېنت سايلىمىدا قىرغىزىستان پارلامېنتىدىكى 75 ئورۇننىڭ ئاران 31 ئى سايلاپ چىقىلغان بولۇپ، قالغان كۆپ قىسىم ئورۇنلار ئىككىنچى قېتىملىق سايلامدا بىكىتىلەتتى.
قىرغىزىستان سايلام كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سايلام ھوقۇقى بار بىر مىليون بەش يۈز مىڭ كىشىنىڭ 60٪ ئى يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلامغا قاتناشقان. سايلام ئەمەلدارلىرى، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئىنتايىن تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئەمما ئۆكتىچى كۈچلەر ئىلگىركىگە ئوخشاشلا، بۇ قېتىمقى سايلامدىمۇ سايلامغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىرىنچى قارار پارلامېنت سايلىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قىرغىزىستاننىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سايلامنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلەر داۋام قىلماقتا ئىدى.
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف ئاساسىي قانۇن بويىچە، بۇ يىل ئۆكتەبىردىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا ۋەزىپىسىدىن چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما ئۆكتىچى كۈچلەر، پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئۆزىگە مايىل پارلامېنت تەشكىللەپ، ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، يەنە بىر قارار پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. (ئارزۇ)