قىرغىزىستاندىكى نامايىشچىلار ھۆكۈمەت بىنالىرىنى ئىشغال قىلدى

قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد رايونىدىكى ئون مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچىلار، يەكشەنبە كۈنى بىر يەرلىك ساقچى پونكىتىنىڭ بىناسىغا ئوت قويدى ۋە ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىشغال قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نامايىشچىلار يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىغا نارازى بولۇپ، پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

جالالئاباد ساقچىلىرى ساقچى پونكىتىدىن ئايرىلىشنىڭ ئالدىدا ئاسمانغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق نامايىشچىلارنىڭ سانى كۆپ بولغانلىقتىن ئۈستۈن كېلەلمەي، ئاخىرى ساقچى پونكىتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سەۋەپتىن ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا كېلىپ چىققان توقۇنۇشتا ئاز دىگەندە تۆت نەپەر ساقچى ئۆلگەن. توقۇنۇشتا يارىلانغانلارنىڭ سانى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

قىرغىزىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نامايىشچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بىراق، نامايىشچىلارنىڭ رەھبىرى قۇرمانبېك باقايېف پەقەت پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف بىلەن بىۋاستە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى نامايىشچىلارغا قارشى قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىككە چاقىرىپ، قورال كۈچى ئىشلىتىشنىڭ پەقەت ھۆكۈمەتكە بولغان قارشىلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىيدىكى بىر قانچە شەھەرلەردە كەڭ كۆلەمدە نامايىشلار يۈز بەرگەن. نامايىشچىلار قىرغىزىستاننىڭ ھاكىمىيەتتىكى پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت سايلىمىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلىكىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر ۋە مۇستەقىل ھالدا سايلامنى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پارلامېنت سايلىمىدا، بىلەتنى سېتىۋېلىش، ئۆكتىچى نامزاتلارنىڭ كاندىداتلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش ۋە مەتبۇئاتلارنى كونترول قىلىشتەك سايلامغا خىلاپلىق قىلمىشلار كۆپ كۆرۈلگەن. بۇ ئارىدا، ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىككى تەرەپنى قوراللىق توقۇنۇشۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. (ئارزۇ)