قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى نارازىلىق نامايىشلىرى كۈچەيمەكتە


2005.03.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

قىرغىزىستاندىكى پارلامېنت سايلىمىغا نارازى بولغان نامايىشچىلار قىرغىزىستاندىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر ھىسابلانغان ئوش شەھىرىدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت بىنالىرىنى ئىگىلەپ، پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەخمىنەن مىڭدەك نامايىشچى دۈشەنبە كۈنى ئوش شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت، بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە ساقچى ئىدارىسىنىڭ بىنالىرىنى ئىگىلىۋالغان. ئوش شەھىرى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان. بۇنىڭ ئالدىدا 15 مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچىلار جەنۇبتىكى جالالئاباد شەھىرىنىمۇ كونترول قىلغان ئىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مۇشۇ خىلدىكى نامايىشلار يەنە ئاز دېگەندە قىرغىزىستاندىكى سەككىز شەھەردە ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

قىرغىزىستان ساقچى دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنىدىكى نامايىشتا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ ئارىدا، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى تانايېف، ھۆكۈمەتنىڭ نامايىشچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالايلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نامايىشچىلارغا قارشى قورال كۈچى ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە قىلغان. بىراق، ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبەرلىرى پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف قاتناشمىغان سۆھبەتنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى نامايىشلار 27 - فىۋرال كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن باشلانغان. 13 - مارت كۈنىدىكى ئاخىرقى سايلامدا ئەسقەر ئاقايېفنى قوللىغۇچىلار ۋە ئۇنىڭ تۇققانلىرى پارلامېنتتىكى 90٪ ئورۇننى ئىگىلىگەندىن كىيىن، ئۆكتىچىلەر سايلامنىڭ ئادىل ۋە راستچىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف نامايىشچىلارنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن، دۈشەنبە كۈنى مەركىزى سايلام كومىتېتى ۋە ئالىي سوت مەھكىمىسىنى پارلامېنت سايلىمى ئۈستىدىن قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى بۇيرىغان. بىراق بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، قىرغىزىستاندىكى نامايىشلار بارغانسىرى ئومومىيۈزلۈك ئەھۋالغا قاراپ يۈزلەنمەكتە ئىكەن.

بۇ ئارىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قىرغىزىستاندىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى "قانۇن بويىچە، تىنچلىق بىلەن" ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشقا چاقىردى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.