0:00 / 0:00
قىرغزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالالئاباد ۋە ئوش شەھىرىدىكى قالايمىقانچىلىق بارغانسېرى ئەۋج ئالماقتا. جالالئاباد ئۆكتىچىلىرى سايلامغا نارازى بولۇپ، 15-مارت كۈنى "خەلق كېڭىشى" دېگەن خەلق ھاكىمىيىتىنى سايلاپ چىققان.
19-مارت كۈنى، ئوش ۋىلايىتىدىكى ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىگىلەپ، ئۆز ئالدىغا قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ، "خەلق كېڭىشى" دەپ ئاتالغان ھاكىمىيەت ئورگىنىنى تۈزۈپ چىققان. ھۆكۈمەت تەرەپ ئەسكەرلەرنى ئەۋەتىپ، بۇ رايوندىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەپ، ئاممىنى باستۇرماقچى بولغان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.