قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېف، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى باكىردىن سۇبانبېكوف بىلەن قىرغىزىستان باش تەپتىشى مىقتىبەگ ئابدىللايېفنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. ئاقايېف سۇبانبېكوفنىڭ ئورنىغا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى كەنەشبەگ دۆشەبايېفنى ۋاقىتلىق ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى، مارات سۇلتانوفنى ۋاقىتلىق باش تەپتىش قىلىپ تەيىنلىگەن.
بۇ ئارىدا قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى جالائاباد، ئوش قاتارلىق ئوبلاستلاردىكى ئاقايېفقا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى پايتەخت بېشكەككە يامرىدى. قىرغىزىستان ئامانلىق كۈچلىرى چارشەنبە كۈنى بېشكەكتىكى ئالاتوۋ مەيدانىدا نامايىش قىلماقچى بولغان ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى توسۇپ، 20 دىن ئارتۇق كىشىنى قولغان ئالغان. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقى ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىق كۈچ قوللۇنۇپ، ئالاتوۋ مەيدانىدىكى نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئاقايېف، سەيشەنبە كۈنى ئۆكتىچىلەرگە قارشى زوراۋانلىق كۈچ قوللانمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆكتىچىلەر ھەرىكىتىدىكى رەھبەرلەرنىڭ بىرى توپچۇبەگ تۇرغانئەلىيېۋ، " ئىچكى كابىنتتىكى ئۆزگىرىش بىزنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ، بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى ئاقايېفنى قوغلىۋېتىش،" دەپ تەكىتلىگەن. ئۇ، ئاقايېفنى قوغلىۋەتمىگىچە توختىمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئۆكتىچىلەر پەيشەنبە كۈنى بېشكەكتە نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن توپلانماقتىكەن. ئامما قىرغىزىستان ئامانلىق كۈچلىرى نارىن، ئوش، تالاس، جالالئاباد قاتارلىق جايلاردىن كېلىدىغان نامايىشچىلارنى توساش ئۈچۈن، بېشكەك شەھىرىنىڭ كىرىش - چىقىش ئېغىزلىرىنى كونترول قىلغان. قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئاقايېفنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئۆكتىچىلەر، ئوش، جالالئاباد قاتارلىق جايلاردىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ئىگىلىۋالغان. (ئەركىن)