قازاقىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى بولدى


2005.12.04

يەكشەنبە كۈنى قازاقىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. پۈتۈن قازاقىستاندىكى 9 مىڭدىن ئارتۇق سايلام نۇقتىسى قازاقىستان دۆلەت ناخشىسىنىڭ ياڭراق ساداسى ئىچىدە بېلەت تاشلاشنى باشلىغان بولۇپ، بۇ قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىدۇر.

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى سايلامغا سەككىز مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، بۇ پۈتۈن نوپۇسنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋ يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئاستانادىكى دۆلەتلىك رۇس تىياتىرىدا نۇتۇق سۆزلەپ، مەزكۇر سايلامنىڭ ناھايىتى ئادىل، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە دېموكراتىك كەيپىياتتا ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن، ئەمما نازاربايېۋنىڭ رىقابەتچىلىرى بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە چۈشمەيدىغانلىقى، پرېزىدېتنىڭ بارلىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئۆز نامزىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى، باشقا نامزاتلارغا توسالغۇلۇقلار پەيدا قىلىنغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا نازاربايېۋنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسى،" ئادىل قازاقىستان ئۈچۈن" بىرلەشمىسىنىڭ رەھبىرى جارماخان تۇياقبايېۋ بۇ سايلامنىڭ راستچىل بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قازاقىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا خەلقئارا كۆزىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ 1600 دىن ئارتۇق ئادىمى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان بولۇپ، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەزكۇر سايلامنىڭ يەنىلا خەلقئارا دېموكراتىك سايلام ئۆلچەملىرىگە لايىق ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن،

كۆزەتكۈچىلەر بۇ قېتىم نازاربايېۋنىڭ باشقا تۆت نەپەر پرېزىدېنت نامزىتىنىڭ يېڭىپ، قايتا پرېزىدېنت بولۇشىنىڭ ئېھتىمانللىقىنىڭ زورلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە. ئەگەر ئۇنداق بولسا، نازاربايېۋ يەنە يەتتە يىل پرېزىدېنت بولۇپ، ئۇنىڭ ھاكىمىيەتتىكى ۋاقتى 20 يىلدىن ئېشىپ كېتىدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.