0:00 / 0:00
قىرغىزىستاندىكى مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ سايلام نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى بىلەن، قۇرمانبېگ باقىيېفنىڭ پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغانلىقى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، گەرچە ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسىنىڭ رەسمىيەتلىرى بېجىرىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن چەتئەل پرېزىدېنتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلىرى باقىيېفنى تەبرىكلەشكە باشلىدى.
بۇ پروگراممىمىزدا، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلام، قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان سايلامدىن كېيىنكى ئومومىي ۋەزىيەت ۋە سايلام داۋامىدا ساقلانغان مەسىلىلەر توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىدۇ.