مەركىزى ئاسىيا ئىقتىسادى ھەمكارلىق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى دۈشەنبىدە ئۇچراشتى


2007.11.05

ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى 18 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، كېلەر ئون يىل ئىچىدە ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول، ئاۋىئاتسىيە قاتنىشى ۋە تاشيول لىنىيىسى ياساپ چىقىش پىلانىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

مەزكۇر پىلان تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ئەزەربەيجان، خىتاي، موڭغۇلىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق مەركىزى ئاسىيا ئىقتىسادى ھەمكارلىق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش مىنىستىرلىرى قاتناشقان يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىغىن ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر قۇرۇلۇش پىلانىدا ئەسلىدە بار بولغان قاتناش لىنىيىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەنە يېڭىدىن 6 چوڭ قاتناش لىنىيىسى ئېچىلىپ، رۇسىيە، ھىندىستان ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىنى تۇتاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، مەركىزى ئاسىيا ئىقتىسادى ھەمكارلىق گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر، خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدىن 18.7 مىليارد دوللار ئىقتىسادى ياردەم ئېلىپ، بۇ قۇرۇلۇش تۈرىگە مەبلەغ سالىدىغان بولۇپ، مەزكۇر قاتناش لىنىيىسى قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي مەقسەت بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئەۋزەل جۇغراپىيىلىك شارائىتىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ۋە رايون خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلاردىكى ئۆز ‏- ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئىكەن.

تاجىكىستان پايتەختى دۈشەنبىدە ئېلىپ بېرىلغان يىغىنغا يەنە، ياۋروپا قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى، خەلقئارا مالىيە فوندى، ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى دۇنيا بانكىسى ۋە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرى ئىشتىراك قىلغان. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.