كېرىموفنىڭ قىزى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ فونكىتسىيىنى كېڭەيتىشكە چاقىردى
2005.12.07
ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموفنىڭ قىزى گۇلنارا كېرىموۋا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئىچىدە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ئورگىنى قۇرۇش ئارقىلىق، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ فۇنكىسىيىسىنى كېڭەيتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستان سىياسىي تەتقىقات مەركىزىنىڭ دېرىكتورى گۈلنارا كەرىموۋا چارشەنبە كۈنى تاشكەنتتە ئاخىرلاشقان خەلقئارا ئېنېرگىيە يىغىنىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ۋە كۆزەتكۈچى بولغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنى ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە چاقىرغان.
خىتاي ۋە رۇسىيە باشچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چېگرا مەسىلىلىرى بويىچە قۇرۇلغاندىن بۇيان فونكىتسىيىسى داۋاملىق كېڭىيىپ، نۆۋەتتە " تېررورچىلىققا قارشى" رايونلۇق بىخەتەرلىك تەشكىلاتىغا ئايلاندى. بۇ تەشكىلات ئامېرىكىنىڭ تەبىئىي بايلىققا مول بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ دەپ قارالماقتا. خەۋەرگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستان ئەنجان ۋەقەسى سەۋەبىدىن ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرى بىلەن يامانلاشقاندىن كېيىن، رۇسىيە ۋە خىتاي نېفىت شىركەتلىرى ئۆزبېكىستاندىكى پائالىيەتلىرىنى تېزلەتكەن. ئۆزبېك ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە لۇك نېفىت شىركىتى ۋە خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر خەلقئارا مەبلەغ سېلىش شىركىتى كىلەر يىلى 3 - ئايدا ئۆزبېكىستان بىلەن 280 مىليون دوللارلىق تەبىئىي گاز قېزىش توختامى تۈزمەكچى. رۇسىيە گاز پېرىم شىركىتىمۇ ئارقىدىن ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك ئېنېرگىيە شىركىتى بىلەن قىممىتى 1 مىليارد دوللارلىق تەبئىي گاز سودىسى توختامى تۈزۈشكە كېلىشكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆزبېكىستان بىلەن رۇسىيە دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
- ئۆزبېكىستان بىلەن رۇسىيە ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى تۈزمەكچى
- ئامېرىكا، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرىنى قولغا ئالغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى "ئۈچ خىل كۈچ" كە قارشى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى
- پۇتىن بىلەن ۋېن جياباۋ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسلىسىدە سۆھبەتلەشتى