بىر ئوتتۇرا ئاسىيالىقنىڭ يىپەك يولىدا كۆرگەنلىرى : قەشقەرىيە ۋە پەرغانە سېلىشتۇرمىسى
2008.01.16
21-ئەسىرنىڭ كىرىشى بىلەن دۇنيا ئۇچۇر دەۋرىنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىش يولىغا مېڭىپ، قىتئەلەر ۋە دۆلەتلەر ئارا ئالاقىلەر ھەم ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشلارنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇر ئېلى غەرب ۋە شەرق زىيارەتچىلىرى ھەم كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ نەزىرىدىن كۈنسايىن مۇھىم ئورۇن ئالماقتا.
ئەلۋەتتە، غەربلىكلەر بىلەن شەرقلىقلەرنىڭ قەدىمىي قەشقەرنى مەركەز قىلغان تارىم ۋادىسى، ئاسمان -پەلەك بىنالىرى خۇددى بىر-بىرىگە خىرىس قىلغاندەك چوقچىيىشىپ تۇرغان ئۈرۈمچى ھەققىدىكى ھېس قىلغانلىرى ۋە تەسىراتلىرىدا روشەن پەرقلەر مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەزكۇر ھەيۋەتلىك ئېگىز بىنالار ۋە رەڭگارەڭ چىراغلار ئاستىدىن ياڭراۋاتقان يىغا ئاۋازى كەبى مۇڭلۇق سادالارنى ئاڭلىغاندەك بولسا، يەنە بەزىلىرى ئۆزلىرىنى خۇددى نيۇيورك شەھىرىدىكى مانخاتتان رايونىغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىشىپ، كۆزلىرى قاماشتى.
ئۇنداقتا قەدىمىي يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي تۈگۈنىگە جايلىشىپ، بىر-بىرى بىلەن مىڭ يىللاردىن بۇيان چەمبەرچاس باغلانغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن قەشقەرىيە بىلەن پەرغانە ۋادىسى ئارىسىدا بۈگۈنكى كۈندە قانداق ئورتاقلىقلار ۋە پەرقلەر مەۋجۇت؟ ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارغا قەشقەر كوچىلىرى قانداق تۇيغۇلارنى قالدۇردى؟
بۇ سوئاللارغا ئوتتۇرا ئاسىيالىق كۆزەتكۈچى ئۇلۇغبېك باباقۇلوۋنىڭ تەسىراتلىرى ئاددىي بولسىمۇ جاۋاب بەرسە كېرەك.
خىتايلاشتۇرۇش
يېقىندا ئۇلۇغبېك باباقۇلوۋ ئوتتۇرا ئاسىيادىن تارقىتىلىدىغان پەرغانە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنتېرنېت تورىدا "ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم؛ يىپەك يولىنىڭ بۈگۈنى" ناملىق چاتما زىيارەت خاتىرىسىنى رۇس ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدا ئېلان قىلغان بولۇپ، ئاپتور زىيارىتىنى پەرغانە ۋادىسىدىكى ئوشتىن باشلاپ، قەشقەردە ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىدۇ. ئۇ، بۇ جەرياندا كۆرگەن-بىلگەنلىرى ۋە ھېس قىلغانلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلغان بولۇپ، ئاساسلىق دىققىتىنى ئوش، ئەركاشتام چېگرا ئۆتكىلى ھەمدە قەشقەرگە جەملەيدۇ.
خىتايلار ئىشلەيدىغان بىرلەشمە كارخانىلار
ئاپتور چاتما ماقالىسىنىڭ " خىتايلاشتۇرۇش" دەپ ئاتالغان 3-قىسمىدا خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاي بىلەن باغلىنىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ مۇمكىن قەدەر ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېكىسپورت قىلىدىغان بازار قىلىش بىلەن بىرگە بۇ رايوندىن خام ئەشيا ۋە ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى كىرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ ھەمدە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئۆز ئەمگەك كۈچلىرىنىمۇ كىرگۈزۈپ، يەرلىك ئەمگەك كۈچلىرىنى چەتكە قېقىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۇلۇغبېك باباقۇلوۋ ئەپەندى ماقالىسىنىڭ بېشىنى " سابىق سوۋەت ئىتتىپاقى مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سانائەت تەرەققىياتى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىگە بىۋاسىتە باغلىنىشلىق، خىتايغا ئۆزىنىڭ تاۋارلىرىنى ساتىدىغان مۇقىم يوللار كېرەك بولغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز كارخانىچىلىرىنىڭ چېگرىداش دۆلەتلەردە بىرلەشمە شىركەتلەرنى قۇرۇشىنى كېڭەيتمەكتە. بۇ خىتايلارنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر يەتكۈزۈش ھەمدە بۇ قوشنا دۆلەتلەردە خىتاي ئىشچىلىرىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولىدىغان سانائەتنى قۇرۇش مۇمكىنچىلىكى ياراتتى" دەپ باشلايدۇ.
قىرغىزىستانلىقلار قارا ئىشچىلاردۇر
ئۇلۇغبېك باباقۇلوۋنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، ئوش قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ شەھەر بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ئوش ئەمەلدارلىرى قەشقەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ يەردىكى چوڭ بىر خىتاي شىركىتى بىلەن قىرغىزىستان-خىتاي بىرلەشمە شىركىتى تەسىس قىلىپ، خىتاي شىركىتىنىڭ ئوشتا تۆت خىش زاۋۇتى قۇرۇش توختامى تۈزگەن. ھەتتا يەنە قىرغىزىستان بىلەن خىتاي بىرلىشىپ ئوشتا پايپاق زاۋۇتى، پاختا توقۇلما فابرىكىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى رۇسىيە ۋە باشقا مەملىكەتلەرگىمۇ سېتىشنى پىلان قىلغان.
بۇلاردىن باشقا يەنە ئوش شەھىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بىرلەشمە مېتاللۇرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىش ھەمدە تۇرۇبا ياساش زاۋۇتلىرى قۇرۇلۇپ، ھازىر مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىلماقتا ، يەنە تېخى ئۇلار بىرلەشمە سېمونت زاۋۇتىمۇ قۇرماقچى بولغان.
ئەمما، ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن مۇنداق بىرلەشمە زاۋۇتلارنى ۋە فابرىكىلارنى قۇرۇشتىكى مەقسىتى قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت ۋە خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەمدە پۇقرالارنىڭ بۇ ئورۇنلاردا ئىشلەش ئارقىلىق خىتايلاردىن تېخنىكا ئۆگىنىشى شۇنىڭدەك ئىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش بولسىمۇ، بىراق نەتىجىدە بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىققان. ئاپتورنىڭ ئوش شەھەر باشلىقىنىڭ مەلۇماتىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىش جەريانىدا خىتاي پۇقرالىرى ھەل قىلغۇچ ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، ئۇستىلار ۋە ئىنجېنېرلار ھەتتا ئىشچىلارنىڭ ئاساسلىق قىسىمى خىتايلاردىن ئىبارەت. رەھبەرلىكتىن ۋە ئىنجېنېرلاردىن تارتىپ، زاۋۇتلارنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسىنى خىتايلار تەشكىل قىلغان. بىراق، خىتاي تېخنىكلار تېخىچە قىرغىزىستانلىقلارغا ھېچ نېمە ئۆگەتمىگەن بولۇپ، قىش زاۋۇتىنىڭ قۇرۇلغىنىغا ئىككى يىلچە بولسىمۇ، لېكىن خىتاي تېخنىكلار قىرغىزىستانلىق كەسىپداشلىرىغا ھازىرغىچە خىش ياساش ئۇسۇللىرى ۋە باشقىلارنى ئۆگىتىشكە پەقەت ئالدىرىمىغان، ھۈنەر مەخپىيەتلىرىنى قىرغىزىستانلىقلارغا بىلدۈرۈشكە قىزىقمىغان، قىرغىزىستانلىقلار پەقەت ئۇلارنىڭ قارا خىزمەتچىلىرىدەك بولۇپ قالغان. لېكىن شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئوش شەھىرىنىڭ باشلىقى خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا يەنىلا ئۈمىدۋار قارايدىكەن.(ئۈمىدۋار)
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 17 تانكىنى پارتلاتقان ئۇيغۇر قەھرىمان - سۇلھىي لۇتپۇللا
- خىتاي، قازاقىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەت قەدىمقى يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى قىلىش ئۈچۈن تەكلىپ تەييارلىماقتا
- قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
- ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرى ئەلىشىر سايىپوۋنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى غۇل-غۇلا قوزغىماقتا
- قىرغىزىستاندا ئۇيغۇرلار روزا ھېيت بايرىمىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى
- قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ كېلىشتۈرگۈچى ۋەكىلى خىتاي كۆمۈرچىلىك كارخانىلىرىنى ئەيىبلىدى
- قىرغىزىستان ئالىي سوتى ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشنى بىكار قىلدى









