ئۆزبېكىستان بىلەن قازاقىستان، ئوتتۇرىسىدىكى سودا توساقلىرىنى بىكار قىلىشقا قوشۇلدى

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف بىلەن قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېف، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا توساقلىرىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى كېرىموف بىلەن قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېف، پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادى ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تاموژنىدىكى سودا توساقلىرىنى بىكار قىلىش شۇنداقلا تاماژنا تۈزۈمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغان.

"نارودنويې سلوۋو" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى دۆلەت پرېزىدېنتى، يۇقىرىقى مەسىلىلەر بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تاموژنا ۋە سودا مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەيىنلەشنى قوبۇل قىلغان.

ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى ئۇزۇندىن بېرى ئەتراپتىكى خوشنىلىرى تەرىپىدىن ھەر خىل سودا چەكلىمىلىرىنى چىقىرىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى. يېقىندا قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېف، رايوندىكى دۆلەتلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئىتتىپاقى قۇرۇشقا چاقىرغان. بىراق بۇ تەكلىپ ئۆزبېكىستان تەرىپىدىن سوغاق مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئىدى. قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئىچىدە، ئىقتىسادى ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)