قىرغىزىستاندىكى سىياسىي داۋالغۇش، خىتاي- قىرغىزىستان سودىسىغا تەسىر يەتكۈزدى
2005.04.28
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئاغدۇرۇلۇش ۋەقەسىدىن كىيىن كېلىپ چىققان سىياسىي دولقۇن سەۋەبىدىن، خىتاي بىلەن قىرغىزىستان ئارىسىدىكى سودا مىقدارى تېز تۆۋەنلىدى.
خىتاي خەۋەر تورىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئاساسلىق چېگرا ئېغىزى بولغان تورغات چېگرىسىدىن ئۆتكەن ماللارنىڭ سودا سوممىسى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى تۆت ئېيىدا 20 مىليون 730 مىڭ دوللار بولغان. بۇ، ئۆتكەن يىلى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن 43٪ كە يېقىن تۆۋەنلەپ كەتكەن. بولۇپمۇ، كىيىن- كېچەك ۋە رەخت ئېكىسپورتى ئەڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرىغان.
تورغات تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى ئەمەلدارلار، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقتارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە ئاساسلىقى قىرغىزىستان تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئادەم ئالماشتۇرۇشى ۋە تاموژنا سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ سەۋەبچى بولىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت، نۇرغۇن سودىگەرلەرنىڭ قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىشىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بىراق، بىر قىسىم ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى كۈزەتكۈچىلىرى، قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن تەختكە چىققان يېڭى قىرغىز رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەردە سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېفدەك قىزغىن بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
27 - مارت كۈنى قىرغىزىستاندىكى نارازى بولغان خەلق 15 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېفنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ئىدى. قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر، ئەسقەر ئاقايېفنىڭ خىتايغا كۆپ يول قويغانلىقىنى تەنقىدلىمەكتە.
ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ئالاقىسى 2001 - يىلى ئاپرىلدا يۈز بەرگەن ئىككى دۆلەت ئايروپىلانىنىڭ سوقۇلۇش ۋەقەسىدىن كېيىن توختاپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا- خىتاي ئۆتكۈزگەن ئۈچىنچى قېتىملىق دۆلەت مۇداپىئە سۆھبىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئارزۇ)