ئۆزبېكىستان سوتى دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلەنگەن 20 كىشى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقاردى
2005.07.07
ئۆزبېكىستان سوتى، پەيشەنبە كۈنى 20 كىشىنى يەر ئاستى رادىكال ئىسلامىي تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى دەپ ئەيىبلەپ، بەش يىلدىن 17 يىلىغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى تاشكەنتنىڭ ئوخشاش ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئاساسى قانۇن تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن.
ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئادۋوكاتى رۇستەم رەخمەتۇللايوف، بېرىلگەن ھۆكۈمنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، سوتچى بىزنىڭ ئەرزىمىزنى قەتئىي نەزەرگە ئالمىدى دېگەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سوتنىڭ ھۆكمى سوت ئەتراپىدا توپلانغان ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان. بىر نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساقچى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.
سوت ئەتراپىدا توپلانغان بەزى ئانىلار، نېمە ئۈچۈن ناماز ئوقىغانلارغا بۇنداق قاتتىق جازا بېرىلىدۇ، دەپ ئۆزلىرىنىڭ سوتنىڭ ھۆكمىگە بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇ، 13- ماي كۈنى ئەنجاندا يۈز بەرگەن ۋەقەدىن كېيىن، ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى چوڭ كۆلەملىك سوتلاش ھېسابلىنىدۇ. ئەنجاندىكى ۋەقەلەر 23 سودىگەرنىڭ ئىسلامىي تەشكىلاتلارغا ياردەم قىلغان دەپ قولغا ئېلىنىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى پرېزىدېنت ئىسلام كېرىموف ھۆكۈمىتىنى، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن، دىنىي پەرىزىنى ئادا قىلغان كىشىلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىمەكتە. (قانات)