
قازاقىستان مۇھىت قوغدىغۇچىلىرى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ۋە قازاقىستاننىڭ بالقاش، زايسان كۆللىرىگە قۇيۇلىدىغان ۋە رايوندىكى سۇ سىغىمى ئەڭ چوڭدەريالار ھېسابلىنىدىغان ئىلى، ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۈيىنى پىلانسىز ئىشلىتىش، قازاقىستاننىڭ مۇھىت ۋە سۇ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.
رايوندا ئۇيغۇر بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى جاكارلىغان بېيجىڭ ھۆكۈمىتى 1990 - يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نېفىت ۋە تەبئىي گاز قېزىشنى كۈچەيتىشكە باشلىغان ۋە "غەربنى ئېچىش" سىياسىتى، دەپ ئاتالغان بۇ ئىستىراتېگىيە يۈز مىڭلىغان كۆچمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئاسانلاشتۈرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ رايوندا سۇ مەسىلىسىنى ئېغىرلاشتۈرماقتا ئىدى.
ئىلى، ئېرتىش سۇلىرىنىڭ تارتىلىپ كېتىشى قازاقىستان ئۈچۈن جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نېفىت ئىگىلىكى ئۈچۈن سۇغا ئېھتىياج بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن قازاقىستاندىكى مۇھىت قوغدىغۇچىلار، ئىلى ۋە ئېرتىش دەرياسى سۈيىنىڭ تارتىلىپ كېتىشىنى تىزلىتىۋاتقان سەۋەبلەر بېيجىڭنىڭ ئىلى ۋە ئېرتىش دەريالىرىنى نېفىت سانائىتى ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقىدۇر، دەپ قاراشماقتا.
قازاقىستان تەبىئەت ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مېلس ئېليۇسىزوۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، جۇڭگونىڭ ئىلى ۋە ئېرتىش دەريالىرىدىكى سۇ ئىستىمالى قازاق مۇھىتلچىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان. "خىتايلار بۇ رايوندا سۇ - ئىنشائاتى ۋە سانائىتى بەرپا قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن نوپۇس كۆپەيمەكتە،" دەپ تەكىتلىگەن ئىليۇسىزوۋ، "بۇ ئىلى ۋە ئېرتىش دەريالىرىنىڭ خىتايدىن ئۆتىدىغان قىسىمىدا تېخىمۇ كۆپ سۇ ئىشلىتىلمەكچى، دېگەنلىكتۇر. ئىلى، ئېرتىش سۇلىرىنىڭ تارتىلىپ كېتىشى قازاقىستان ئۈچۈن جىددىي مەسىلە بولۇپ قالدى " دەيدۇ.
ئىلى دەرياسى ئوتتۇرا ئاسىيا بويىچە 2 - چوڭ كۆل ھېسابلىنىدىغان بالقاش كۆلىنى 80 % سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم سۇ مەنبەسى . مېلس ئىليۇسىزوۋنىڭ ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىغا ئەسكەرتىشىچە، "خىتاي ئىلى ۋە ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۈيىنى نورمىدىن كۆپ ئىشلەتكەنلىكتىن بالقاش كۆلى ئارال كۆلىگە ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن." قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر گېئولوگىيە مۇتەخەسسىسى ئابلىز ئابدۇللايېۋ، ئىلى ۋە ئېرتىش دەرياسىنىڭ مەسىلىسىنى قازاقىستان - جۇڭگو بىرلەشمە كومىسىيىسىنىڭ يىغىنلىرىدا ھەر يىلى قازاقىستان ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېغىر ئاقىۋەت
قازاقىستان پارلامېنتى مۇھىت ۋە ئېكولوگىيە كومىتېتىدىكى مىرزاگەلدى كامېل، ئىلى دەرياسىنىڭ مەسىلىسىنى ئارال كۆلىنىڭ تراگىدىيىلىك تەقدىرى بىلەن سېلىشتۈرماقتا. قازاقىستان دائىرىلىرىنى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلمايۋاتىدۇ، دەپ تەنقىدلىگەن مىرزاگەلدى كېمال، "ئەگەر ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيى كېمىيىپ كەتسە، بالقاش كۆلى ھاۋزىسىنىڭ مۇھىتىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ ۋە بۇ جايدىكى خەلقلەر ئېغىر ئەھۋالدا قېلىشى مۇمكىن،" دەيدۇ. ئۇ، يەنە 50 يىلدىن كېيىن بالقاشنىڭ ۋەزىيىتى ئۆزبېكىستاندىكى ئارال كۆلىنىڭ ئەھۋالىدىنمۇ ئېغىر ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئېرتىش دەرياسىنىڭ ئالتاي تاغلىرىدىن باشلىنىدىغان يۇقىرى ئېقىمى قارائېرتىش، دەپ ئاتىلىدۇ. زايسان كۆلىگە قۇيۇلىدىغان بۇ دەريا رۇسىيىنىڭ ئومىسك شەھىرىدىن ئۆتىدىغان ۋە ئوب دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ شىمالىي مۇز ئوكيانغىچە بارىدىغان رايوندىكى بىردىن - بىر تاشقى دەريادۇر. لېكىن جۇڭگو تەرەپ رايوندىكى نېفىت سانائېتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئېرتىش ۋە ئىلى دەرياسىنىڭ سۈيىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىشنى پىلانلىماقتا. كەڭلىكى 22 مېتىر ئۇزۇنلۇقى 300 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋە ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىن جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغىچە سوزۇلىدىغان قارىماي قانىلى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سۇ ئىشلار نازارىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قاراماي قانىلى قاراماي، ئۈرۈمچىلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەش ۋە ئاخىرقى مەنزىلىنى تۇرپانغىچە يەتكۈزۈش پىلانلانغان. لېكىن مېلس ئېليۇسىزوۋنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، "ئەگەر جۇڭگو ئىلى ۋە ئېرتىش دەريالىرىنىڭ 15 % سۈيىنى ئېلىپ كەتسە، بالقاش كۆلى 2 - ئارال كۆلىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىنچىلىكى چوڭىيىدىكەن. ئۇ، "بۇ ۋەزىيەت ئېكولوگىيىلىك مۇساپىرلارنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن،" دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا.
ئىلى دەرياسى ۋە بالقاش كۆلى قازاقىستاننىڭ سۇ ئىنشائات سېستىمىسى، ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان مۇھىم سۇ مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئىلى ۋە ئېرتىش دەرياسى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى رۇسىيىلىك مۇھىت قوغدىغۇچىلار قوللىماقتا.
خىتاي قارا ئېرتىشنىڭ سۈيىنى نىشانلىق ھالدا سۇ ئىنشائات ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە
رۇسىيە ئېكولوگىيە سىياسىتى مەركىزىنىڭ رەئىسى ئالېكسېي يابلوكوۋ، رۇسىيىلىك مۇھىت قوغدىغۇچىلار ۋە رۇسىيە دائىرىلىرى ئېرتىش دەرياسىدىكى ئوسال ۋەزىيەتكە ئۇزۇندىن بېرى دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، "خىتاي قارا ئېرتىشنىڭ سۈيىنى نىشانلىق ھالدا سۇ ئىنشائات ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە" دەيدۇ. لېكىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىلى ۋە ئېرتىش دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئىشلىتىشتە مۇھىت مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئېرتىش دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى توختىتىش بەلگىلىمىسى چىقارغان. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ يىل 5 - ئايدىكى بىر خەۋىرىدە، ئىلى دەرياسىغا 20 توننا بېلىق قويۇپ بېرىلگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ ئىلى، ئېرتىش دەريالىرىدا ئورمان قوغداشنى كۈچەيتىش ۋە تۇپراقنىڭ ئېرىزىيونغا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشنى كۈچەيتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. لېكىن قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرغان سابىق باش ئەلچىسى مۇرات ئەۋىزوۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ مەسىلە خىتايغا ئوخشاش چوڭ بىر دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولغانلىقتىن ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس. "بۇ ئىش ناھايىتى جىددىي مەسىلە،" دەپ تەكىتلىگەن ئاۋىزوۋ، " بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان يېڭى مەسىلە ئەمەس. بۇ ئىش خىتايغا ئوخشاش چوڭ بىر دۆلەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە بولغانلىقتىن ئۇنى ئاسان ھەل قىلغىلى بولىدىغان مەسىلە ئەمەس" دەيدۇ. خىتاي ھازىرغىچە ب د ت نىڭ چېگرا ھالقىغان دەريا - ئېقىنلىرىنى ۋە خەلقئارا كۆللەرنى قوغداش ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويمىغان. مۇھىت ئاسرىغۇچىلار بولسا ئىلى ۋە ئېرتىش مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت بېيجىڭغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)