قازاقىستان ئاق يول پارتىيىسى رەئىسى ئالتۇنبېكنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دىلوسى مۇرەككەپلەشمەكتە

قازاقىستان ساقچى دائىرىلىرى قازاقىستان پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خادىمى ئەرجان ئۇتەمبايىفنى ئاقيول پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئالتۇنبېك سەرسانبايىفنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە چىتىشلىق دەپ قولغا ئالغاندىن كېيىن، قازاقىستان ئۆكتىچى ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى، قازاقىستان پارلامىنتىنىڭ رەئىسى ئابىكايىفنى ئىستىپاغا چاقىردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 23 ‏- فېۋرال كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان سىياسىي ئۆكتىچىلىرى، 11‏- فىۋرال كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن سەرسانبايىفنىڭ سىياسىي سۈيىقەستنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. 43 ياشتىكى سەرسەنبايىف ئالماتادا قوغدىغۇچىسى ۋە شوپۇرى بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرۈلگەن.

قازاقىستان ئۆكتىچى ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى 23‏- فىۋرال كۈنى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرجان ئۇتەمبايىفنىڭ، سەرسانبايىفنى ئۆلتۈرۈلۈش ھەرىكىتىنى پىلانلاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، قازاقىستان پارلامىنت رەئىسى نۇرتاي ئابىكايىفنىڭ دەرھال ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئابىكايىف بۇرۇن قازاقىستان مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.

بۇنىڭدىن سىرت قازاقىستان سىياسىي ئۆكتىچىلىرى يەنە ، چارشەنبە كۈنى سەرسانبايىفنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن پرېزىدېنت نازاربايىفنىڭ قىزى دارىغا نازاربايىف ۋە ئۇنىڭ يولدىشى راكات ئالىيىفنىڭ سوراققا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى .

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، راھەت ئالىيېف ۋە دارىگا نەزەر بايىفنىڭ، سەرسانبايىف بىلەن شىەخسى زىددىيىتى بار ئىكەن. (ئەقىدە)