قىرغىزىستاندا زاكازلىق ئۆلتۈرۈشلەر داۋاملاشماقتا

قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، 10-ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ بىر نەپەر ئەزاسى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

جىرغالبېك سۇرابالدىيېۋ ئىسىملىك مەزكۇر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش ۋەقەسى پارلامېنت بىناسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى ھەم دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى بۇ ۋەقەگە جىددىي قاراپ، تېز سۈرەتتە دېلونى ئېنىقلاشنى باشلىغان.

ھازىر قىرغىزىستان جەمىيىتىدە مەزكۇر پارلامېنت ئەزاسى ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار تارقالغان بولۇپ، ئۇنىڭ 24-مارت كۈنى بىشكەك شەھىرىدە يۈز بەرگەن بۇلاڭچىلىق ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روزا ئوتۇنبايېۋا ئۇنى 24-مارتتىكى بۇلاڭچىلىق ۋەقەسىنى تەشكىللەش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىكەن.

بۇ قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئىنقىلاب غەلىبە قىلغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن بىر قانچە قېتىملىق زاكازلىق ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ بىرىدۇر.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قىرغىزىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى يېقىنلىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە، كىشىلەر ئاممىۋى قالايمىقانچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. چۈنكى، ئۆزلىرىنى دېموكراتلار دەپ ئاتىغان ئۆكتىچىلەر ئەسقەر ئاقايېۋنى ئاغدۇرۇپ، ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان بولسىمۇ، بىراق ۋەزىيەتنىڭ تېخى تولۇق مۇقىملاشمىقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

قىرغىزىستاندىكى مۇنداق سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرى بۇرۇندىن تارتىپلا ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ "ئىتتىپاق" جەمىيىتىنىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى نىغمەت ھاجى بوساقوۋمۇ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)